UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىمىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى

شىنجاڭ مائارىپى ئىدىيىۋى سىياسىي تەربىيە بۇ ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدا قانات يايدۇرۇلغان مىللەتلەر بارۋەرلىكى، ئىتتىپاق ئىناق ئۆتۈش، ئۆز ئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا ئۆگىنشى، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش، ئورتاق گۈللىنىش قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى تەربىيە ۋە تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىنىڭ مۇھىم مەزمونلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئىدىيىۋى سىياسى تەربىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنىڭ ئاساسلىق مەزمونى: ماركسىزملىق مىللەت قارىشى، دىن قارىشى تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش؛ پارتىيىنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتى تەربىيىسىنى ئېلىپ بېرىش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش تەربىيىسىنى ئېلىپ بېرىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقىلىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەردىن ئۆگىنىش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقىلى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداشتا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە تارىخىي تۆھپىسىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەربىيە ئارقىلىق ھەرمىللەت خەلقلىرىدە خەنزۇرلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالمايدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن ئايرىلالمايدۇ، دېگەن ئىدىيىنى تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنى ئاڭلىق ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقىلىق ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغدايدىغان قىلىش لازىم. دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە خىزمىتى دەسلەپ 20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدا ئىككى قېتىم پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان. 11 - نۆۋەتلىك 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسى ئىچىدە يەنە بىر قېتىملىق مىللىي سىياسەت قايتا تەربىيە خىزمىتى ۋە ماركسىزملىق مىللەت قارىشى، دىن قارىشى تەربىيە خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ياخشى بولغان ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى ھەمدە مول بولغان تەجرىبىلەرنى توپلىدى. مانا بۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقىلىق تەربىيىسى خىزمىتىدە چوقۇم تۆت ئاساسىي پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، مىللەتلەر باراۋەرلىكى، ئىتتىپاقلىقى ۋە ئۆزئارا ياردەم بېرىش مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋەمۇستەھكەملەش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىش ۋە تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۆلىتىمىزنى باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىيەتلىك بولغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى نىشان قىلىش زۆرۈر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مىللەتلەر ئىتتىپاقىلىقىنى كۈچەيتىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدىشىمىز لازىملىقىنى كۆرسىتىدۇ. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى قانات يايدۇرۇشقا ماركسىزملىق مىللەت قارىشى، دىن قارىشىنى پارتىيىنىڭ مىللىي سىياسىتى، دىنىي سىياسىتى بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە قەتئىي چىڭ تۇرۇش، ھەرقايسى مىللەت پارتىيىلىك كادىرلىرىغا بولغان تەربىيىنى قەتئىي كۈچەيتىش ھەمدە ھەرمىللەت ياش - ئۆسمۈرلىرىنى تەربىيىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش زۆرۈر. بۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقىلىق تەربىيىسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ماددىي ئاساسى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئاساس سالغان ئىلغار ئورۇن ۋە ئىلغار شەخسنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىلغار شەخس ۋە كوللېكتىپنى زور كۈچ بىلەن مۇكاپاتلاش، ئۈلگىلىك تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى | UyghurWiki | UyghurWiki