شىخەنزە پېداگوگىكا مەكتىپى
شىنجاڭ مائارىپى
پېداگوگىكا مائارىپى
- يىلى 10 - ئايدا ئەسلىدىكى بىڭتۈەن ئوقۇتقۇچىلار تەربىيىلەش سىنىپى ۋە يېزا - ئىگىلىك 8 - دىۋىزىيە ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلار سىنىپىنىڭ بىرىكىشى ئاساسىدا شىخەنزە ۋىلايەتلىك پېداگوگىكا مەكتىپى بولۇپ قۇرۇلغان. 1979 - يىلى 2 - ئايدا ھازىرقى نامىغا ئۆزگەرتىلگەن. مەكتەپنىڭ يەر كۆلىمى 110000 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 21556 كۋادرات مېتىر. 1986 - يىلدىن باشلىنىپ پۈتۈن شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان. 1987 - يىلى 1 - ئايدا شىخەنزە بىلىم ئاشۇرۇش مەكتىپى بۇ مەكتەپكە قوشۇۋېتىلگەن. 8 - ئايدا شىنجاڭ رادىئو - پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شىخەنزە شۆبە مەكتىپى بۇ مەكتەپ بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن ھەمدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان، 4199 - يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلغان، ئۇلارنىڭ ئوقۇش مۇددىتى ئىككى يىل قىلىنغان، 1999 - مەكتەپتە سەككىز كەسىپ، 31 سىنىپ، 1291 نەپەر ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى 266 نەپەرگە يەتكەن. ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر سانى جەمئىي 137 نەپەر بولۇپ، كەسپىي ئوقۇتقۇچى سانى 78 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە 19 نەپەر ئالىي لېكتور بار ئىدى. كۇتۇپخانىدا 60 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق كىتاب ساقلانماقتا. كۆپ يىللاردىن بۇيان مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھەرخىل مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ كۆپ تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن، ئوقۇغۇچى لى جيەنۋىن مەملىكەتلىك
چامباشچىلىق مۇسابىقىسىدە ئىككى دانە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. كېيىن دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى بوكسىيۇر كەسپىدە چەت ئەلگە چىقىپ
ئوقۇغان ئاسپىرانت بولۇپ قالغان، مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان جەمئىي 5171 نەپەر ئوقۇتقۇچى تەربىيىلىگەن. 4150 ئادەم ھەر خىل قىسقا مۇددەتلىك
كۇرسلاردا تەربىيىلەنگەن.