ئۆلكىلىك قۇرۇقلۇق ئارمىيە باشلانغۇچ مەدرىسى
شىنجاڭ مائارىپى
مائارىپ تارىخى
- يىلى شىنجاڭنىڭ ھەربىي - مەمۇرىي ۋالىيسى لىيەنكۇي قۇرغان بولۇپ، باشقۇرغۇچى خادىمىدىن ئىككىسى، قومانداندىن ئىككىسى، ئوقۇتقۇچىدىن 10 ى بولغان. ئايرىم - ئايرىم ھالدا مانجۇ تىلى، فىزىكا، ھېساب، گرامماتىكا، ئالگېبرا، تارىخ، ئۆلچەش، گېئومېتىرىيە، جۇغراپىيە، ئىنگلىز تىلى، رەسىم، گىمناستىكا قاتارلىق پەنلەر تەسىس قىلىنغان. ئۈچ سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى بار بولۇپ، جەمئىي 270 ئوقۇغۇچى بولغان. ئوقۇش مۇددىتى ئۈچ يىل بولۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شەنشى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوتتۇرا مەدرىسىگە يوللىنىلاتتى.