UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىتاشقورغان ناھىيىلىك ياتاقلىق باشلانغۇچ مەكتەپ

تاشقورغان ناھىيىلىك ياتاقلىق باشلانغۇچ مەكتەپ

شىنجاڭ مائارىپى باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى ئەسلى نامى تاشقۇرغان يېزىلىق ياتاقلىق تۈزۈمدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ. 1983 - يىلى 9 - ئايدا تاشقۇرغان ناھىيە بازىرىدا قۇرۇلغان. ئوقۇغۇچىلار 12 يېزا (مەيدان) دىكى نامرات دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ بالىلىرى بولۇپ، بارلىق خىراجەت دۆلەت تەرىپىدىن چىقىرىلغان. 1987 - يىلى تاشقۇرغان ناھىيىلىك ياتاقتا يېتىش تۈزۈمىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ (ئاپتونوم ناھىيىلىك ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مەكتىپى) قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى 33275 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش رايونى كۆلىمى 2156 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. پارتىيە ياچېيكىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئىتتىپاق ياچېيكىسى قاتارلىق تەشكىللەرنىڭ قۇرۇلۇشى مۇكەممەل، مەكتەپ شتاتى 42. 1999 - يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى 22 نەپەر، ئوقۇتۇش سىنىپى 11، ئوقۇغۇچى سانى 408 نەپەر
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى