UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىئالتاي چارۋىچىلىق مەكتىپى

ئالتاي چارۋىچىلىق مەكتىپى

شىنجاڭ مائارىپى كەسپىي مائارىپ ئالتاي ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك مەكتىپى 1960 ـ يىلى قۇرۇلغان. مەكتەپ ئالتاي ناھىيە بازىرىغا تەسىس قىلىنىپ، ناھىيە دەرىجىلىك قىلىپ بېكىتىلگەن. مەكتەپ ئۇنىۋېرسال ئىشخانا تەسىس قىلىنغان. 1962 - يىلى تاقالغان. 1965 - يىلى كۈزدە ئالتاي يېزا ئىگىلىك مەكتىپى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئالتاي ناھىيىلىك خۇڭگۇ يېزىسىغا جايلاشقان ئالتاي پېداگوگىكا مەكتىپى تەرىپىدىن ۋاكالىتە باشقۇرۇلغان. مەكتەپ بۆلۈم دەرىجىلىك قىلىپ بېكىتىلگەن. 1967 - يىلى 7 - ئايدا مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى سەۋەبىدىن يەنە بىر قېتىم توختىتىلغان. 1978 - يىلى 6 - ئايدا يېزا ئىگىلىك مەكتىپى يەنە بىر قېتىم ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، كۆكتوقاي ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىدە تەسىس قىلىنغان ھەمدە يېزا ئىگىلىكنى ماشىنىلاشتۇرۇش مەكتىپى، مالىيە مەكتىپى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئەسلىدىكى ۋىلايەتلىك كوممۇنىستىك ئەمگەك ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ۋاقىتلىق ۋاكالەتەن باشقۇرۇلغان. ئۈچ ۋىۋىسكا مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ بىۋاستە رەھبەرلىكىدە بولغان. 1997 - يىلى 4 - ئايدا يېزا ئىگىلىك مەكتىپى بىلەن يېزا ئىگىلىكنى ماشىنىلاشتۇرۇش مەكتىپى ئايرىم - ئايرىم قۇرۇلۇپ، كۆكتوقايدىن ۋىلايەتلىك <7 - ماي> كادىرلار مەكتىپىگە يۆتكىلىپ، ئىككى مەكتەپكە بىر يۈرۈش ئاپپاراتلار ئىككى خىل ۋىۋىسكا بولۇشتەك ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى يولغا قويۇلغان. 1983 - يىلىدىن 1984 - يىلىغىچە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر رەتكە سېلىنغانلىق سەۋەبىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى توختاتقان. 1987 - يىلى 12 - ئايدا، ئاپتونوم رايون يېزا ئىگىلىك مەكتەپ بىلەن يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش مەكتىپىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال ئوتتۇرا دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك مەكتىپى قۇرۇشنى تەستىقلىغان. مەكتەپ دېھقانچىلىق، دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىقنى ماشىنىلاشتۇرۇش، مال دوختۇرلۇق، باغۋەنچىلىك، يېزا بوغالتىرلىقى، يېزا - بازار كارخانا باشقۇرۇش قاتارلىق كەسىپلەرنى تەسىس قىلغان. 1990 ـ يىلى يېزا ئىگىلىك مەكتىپى ئالتاي چارۋىچىلىق مەكتىپىگە ئۆزگەرتىلىپ، مەمۇرىي جەھەتتە ئالتاي ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ رەھبەرلىكىگە، كەسپىي جەھەتتە ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتىنىڭ يېتەكلىشىگە تەۋە بولغان ھەمدە ئالتاي ۋىلايەتلىك چارۋىچىلىق باشقارمىسى باشقۇرغان، مەكتەپ ناھىيە دەرىجىلىك قىلىپ بېكىتىلگەن. ئوقۇتۇشتا خەنزۇ تىلى، قازاق تىلى قوللانغان. ھازىر مال دوختۇرلۇق، ئوتلاقچىلىق، دېھقانچىلىق، دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىقنى ماشىنىلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىنى باشقۇرۇش، يېزا بوغالتىرلىقى، ئورمانچىلىق قاتارلىق كەسىپلەر بار. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى 35964 كۋادرات مېتىر. بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 6664كۋادرات مېتىر. خىمىيە، پارازىت قۇرت، ئاناتومىيە ۋە پاتولوگىيە قاتارلىق بەش تەجرىبىخانا بار. كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان كىتاب 26000 دىن ئاشىدۇ. مەكتەپ شتاتى 102. 1999 - يىلى رەسمىي ئوقۇتقۇچى 40 نەپەر. مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 507 نەپەر، مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن ئوقۇغۇچى 2436 نەپەرگە يەتكەن.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى