شىخەنزە شەھەرلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپ
شىنجاڭ مائارىپى
ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى
پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى مۇكەممەل ئوتتۇرا مەكتەپ. خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدۇ. 1956 - يىلى
قۇرۇلغان. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى قارمىقىدىكى تۇنجى ئوتتۇرا مەكتەپ. ئەينى ۋاقىتتا، بىڭتۈەن شىخەنزە ئوتتۇرا مەكتىپى
دېيىلگەن. 1957 - يىلى شىخەنزە شەھىرى قۇرۇلغاندىن كېيىن ھازىرقى نامغا ئۆزگەرتىلگەن. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 63000 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش
كۆلىمى 18000كۋادرات مېتىر. 1956 - يىلدىن بۇيان 14000 نەپەر ئوقۇغۇچى تەربىيىلىگەن. 80 دىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى ھەرقايسى پەنلەردىكى
مۇسابىقىلەردە مۇكاپاتلانغان. 1998 - يىلى مەملىكەتلىك تەنتەربىيە كومىتېتى <مەملىكەتلىك ئاممىۋى تەنتەربىيە خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن>
دېگەن شەرەپلىك نامنى بەرگەن. 1999 - يىلدىكى ئوقۇغۇچى سانى 1890 دىن كۆپرەك، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىسى 166 نەپەر.