سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق تېببىي مەكتەپ
شىنجاڭ مائارىپى
كەسپىي مائارىپ
- يىلى قۇرۇلغان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بالدۇر قۇرۇلغان تېببىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى. 1961 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى ھۆججەت چۈشۈرۈپ، مەكتەپنى ئاپتونوم رايون بىلەن دۆلەت سەھىيە مىنىستىرلىكىنى بىۋاستە باغلاپ تۇرىدىغان مەكتەپ دەپ بېكىتكەن، كەسپىي جەھەتتە سەھىيە مىنىستىرلىكى مائارىپ بۆلۈمى رەھبەرلىك قىلىدۇ. 1986 - يىلى مەكتەپ ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى تەرىپىدىن ئاپتونوم رايون دەرىجىىك نۇقتىلىق تېببىي مەكتەپ دەپ بېكىتىلگەن. 1996 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق ئوتتۇرا تېخنىكوم دەپ بېكىتكەن. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 61000 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇشتا ئىشلىتىلىدىغىنى 23800 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇش خەنزۇ تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەكتەپ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ داۋالاش، سىستېرالىق، تۇغۇت، سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش، دورىگەرلىك، جۇڭيىچە داۋالاش، جۇڭيى داۋاسازلىق كەسىپلىرىنى ۋە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى، سەھىيە نازارىتى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ كىلنكىلىق داۋالاش، دورىگەرلىك مەخسۇس كۇرسى سىنىپلىرىنى ئاچقان. 13 خىل داۋالاش سەھىيە كەسپىي تەسىس قىلغان ھەمدە پاتولوگىيە، فىزىئولوگىيە قاتارلىق كەسىپلەردىن 26 تەجرىبىخانا قۇرغان. زامانىۋى مەكتەپ تورى. ئېلېكترلەشكەن ئوقۇتۇش ئۆيى، كومپيۇتېر ئۆيى، تىل ئۆيى، يېپىق يوللۇق تېلېۋىزىيە قوش يۆنىلىشلىك كونترول قىلىش سىستېمىسى قاتارلىقلار بار. كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان كىتاب 60000 دىن ئارتۇق. مەكتەپ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى تەشكىللىگەن <لاياقەت باھالاش>، <ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى باھالاش>، <ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى باھالاش ئۆلچىمى>، <كەسىپ تەسىس قىلىشنى باھالاش ئۆلچىمى> قاتارلىقلاردىن ئۆتكەن. <دۆلەت سەھىيە سىستېمىسىدىكى مەنىۋى
مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار ئورۇن>، <ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەتلىك تېببىي مەكتەپ>، <ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار پارتىيە تەشكىلى>، <ئاپتونوم رايون بويىچە ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇشتىكى ئىلغار مەكتەپ> دېگەن شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن. مەكتەپ شتاتى 136. 1999 - يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى 84 نەپەر، ئوقۇغۇچى سانى 2000 نەپەر.