شىنجاڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇش مەكتىپى
شىنجاڭ مائارىپى
كەسپىي مائارىپ
يەنى شىنجاڭ بىناكارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ بىناكارلىق
تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ مەكتەپ كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېت، ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى بىر گەۋدە
قىلىنغان ئۇنىۋېرسال، پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇتۇش تۈزۈمىدىكى مىللىي، خەنزۇ ئارىلاشقان مەكتەپ بولۇپ، شىنجاڭ بىناكارلىق گۇرۇھى باش
شىركىتىگە تەۋە. مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 4200 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش خەنزۇ تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. شىنجاڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇش
مەكتىپى 1973 - يىلى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان. شىنجاڭ بىناكارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئۇنىۋېرسىتېتى 1978 - يىلى قۇرۇلغان. شىنجاڭدىكى تۇنجى
تۈركۈم دۆلەت تەستىقلىغان ئەسلىدىكى مائارىپ مىنىستىرلىكى ئەنگە ئالغان چوڭلار ئالىي مەكتىپى. 1995 - يىلى دۆلەت قۇرۇلۇش مىنىستىرلىكى
تەرىپىدىن قۇرۇلۇش سىستېمىسى مائارىپ خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن بولۇپ باھالانغان. شۇ يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى
ئىلگىرى سۈرۈشتىكى نەمۇنىلىك ئورۇن بولۇپ باھالانغان. 1998 - يىلى دۆلەت مائارىپ كومىتېتى تەرىپىدىن ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مائارىپىدىكى سىناق مەكتەپ قىلىپ بېكىتكەن. شۇ يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەت دەرىجىلىك ئىقتىدار باھالاش پونكىتى بولۇپ تەستىقلانغان. 1999 - يىلى <2+3> ئالىي تېخنىكوم ئوقۇش تارىخى سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىغان. مەكتەپ يەنە تيەنجىن
ئۇنىۋېرسىتېتى، شىئەن بىناكارلىق پەن - تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، غەربىي شىمال بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئىچكىرى
ئۆلكىلەردىكى مەكتەپلەر بىلەن بىرلىكتە تولۇق، مەخسۇس كۇرس سىرتتىن ئوقۇش سىنىپى ۋە مەخسۇس كۇرستن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەش دەرستىن
سىرتتىن ئوقۇش سىنىپى ئاچقان. ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشى، ئىگىلىك باشقۇرۇش قاتارلىق كەسىپلەرنى تەسىس قىلغان. 1999 - يىلدىكى رەسمىي
ئوقۇتقۇچى 148 نەپەر (ئالىي ئۇنۋانغا ئىگە ئوقۇتقۇچى 33 نەپەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئونۋانغا ئىگە ئوقۇتقۇچى 89 نەپەر، تۆۋەن دەرىجىلىك ئونۋانغا ئىگە
ئوقۇتقۇچى 26 نەپەر). ئوقۇغۇچى سانى 2000 نەپەردىن ئارتۇق.