<شىنجاڭ ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇتۇشى
شىنجاڭ مائارىپى
مائارىپ گېزىت، ژۇرنال ۋە ئەسەرلىرى
ئاپتونوم رايونغا يۈزلەنگەن، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان كەسپىي ژۇرنال. شىنجاڭ مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى، شىنجاڭ مائارىپ تەتقىقات ئورنى تەسىس قىلغان، ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە ئىككى خىل تىلدا نەشىردىن چىقىدىغان قوش ئايلىق ژۇرنال. ژۇرنال ئاساسى 1989 - يىلى نەشىر قىلىنغان <شىنجاڭ مائارىپ تەتقىقاتى> ژۇرنىلى بولۇپ، ئاساسلىق مۇشتەرى ئوبيېكتى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك مائارىپ تەتقىقاتچىلىرىدىن ئىبارەت.