تارباغاتاي ۋىلايەتلىك تېببىي مەكتەپ
شىنجاڭ مائارىپى
كەسپىي مائارىپ
ئەسلى ئىسمى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك دوختۇرخانا سىستېرالار مەكتىپى بولۇپ، 1959 - يىلى قۇرۇلغان.
1979 - يىلى 3 - ئايدا ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىدىن بۆلۈنۈپ چىققان ھەمدە مۇستەقىل بۆلۈم دەرىجىلىك كەسپىي ئورۇن بولغان. 1986 - يىلى مۇئاۋىن ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇن بولغان. 1991 - يىلى 6 - ئايدا ناھىيە دەرىجىلىك رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى بولۇپ ئۆستۈرۈلگەن. ئوقۇتۇشتا خەنزۇ تىلى، قازاق تىلى ئىشلىتىلىدۇ. ئىگىلىگەن يەر مەيدانى 58695 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 5000 كۋادرات مېتىر. مەكتەپتە ئۈسكۈنىلىرى مۇكەممەل بولغان ئاناتومىيە، دورىگەرلىك، مىكرو جانلىقلار، بىئوخىمىيە، ئاساسىي پەرۋىش، كلىنىك تەجرىبىخانىسى، يېپىق يوللۇق تېلېۋىزىيە تورى قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭدىن باشقا تۆت پراكتىكا دوختۇرخانىسى بار، كۇتۇپخانىدا 15 مىڭ پارچە كىتاپ ساقلانغان. 1999 - يىلى رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى 30 نەپەر (ئالىي لېكتور تۆت نەپەر، لېكتور 20 نەپەر). مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 600 نەپەر. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان سىستېرالىق، دوختۇرلۇق، تۇغۇت دوختۇرلۇقى، ئانا - بالىلار دوختۇرلۇقى، دورىگەرلىك قاتارلىق كەسىپلەرگە 3200 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلىپ، دۆلەت ئۈچۈن 2600 نەپەر لاياقەتلىك ئوقۇغۇچى تەربىيىلەپ بەرگەن.