UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىمىللىي خەنزۇ ئارىلاش مەكتەپ

مىللىي خەنزۇ ئارىلاش مەكتەپ

شىنجاڭ مائارىپى ئۇنىۋېرسال ئۇقۇملار ئاز سانلىق مىللەت بىلەن خەنزۇلارنىڭ ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىش ئەھۋالىغا ماسلىشىش ئۈچۈن قۇرغان مەكتەپ قۇرۇش شەكلى. مەكتەپتە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تىلى بويىچە سىنىپقا ئايرىلىپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەمۇرىيەت، خوجىلىق بىر تۇتاش باشقۇرۇلىدۇ، ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 1999 - 1998 - ئوقۇش يىلىغىچە ئاپتونوم رايوندىكى مىللىي خەنزۇ ئارىلاش مەكتەپ 455، بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا مەكتەپ 99، باشلانغۇچ مەكتەپ 356 بولۇپ، ئاپتونوم رايوندىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ سانىنىڭ تەخمىنەن %4.5 نى ئىگەللەيدۇ. مىللىي خەنزۇ ئارىلاش مەكتەپ مىللىي خەنزۇ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئارا ئۆگىنىشىگە پايدىلىق بولۇپ، ئىدىيە - ئەخلاق ساپاسىنى ۋە تەربىيە ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق ھەمدە ئۆسمۈرلەرنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ <ئىككى ئايرىلالماسلىق> ئىدىيسىنى تىكلىشىگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
مىللىي خەنزۇ ئارىلاش مەكتەپ | UyghurWiki | UyghurWiki