قۇتادغۇبىلىك
شىنجاڭ مائارىپى
مائارىپ تارىخى
قاراخانىلار خاندانلىقى دەۋرىدىكى داڭلىق داستان بولۇپ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ 1068~1069 - يىللىرى قەشقەردە يېزىپ تاماملىغان. پۈتۈن ئەسەر 85 باب ۋە 30 قوشۇمچە مەزمۇندىن تەركىب تاپقان بولۇپ، جەمئىي 13290 مىسراغا بۆلۈنىدۇ. ئەسەرنىڭ مەزمۇنى جەمئىيەت، ئىقتىساد، پەلسەپە، ئەدەبىيات قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. <قۇتادغۇبىلىك> تىپىك پەندى - نەسىھەت خاراكتېرىدىكى داستان بولۇپ، ئۇنىڭدا مول تەلىم - تەربىيىۋى ئىدىيىلەر يوشۇرۇنغان. 1986 - يىلى 10 - ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى جېڭ گۇەنجۇڭ، جاڭ خۇڭچاۋ ۋە ليۇبىن قاتارلىقلار تەرجىمە قىلغان، خەنزۇچە نۇسخىنى نەشىر قىلدى.