ئاممىۋى مائارىپ سارايلىرنىڭ خىزمەت پروگراممىسى
شىنجاڭ مائارىپى
مائارىپ سىياسىتى ۋە قانۇن - نىزاملىرى
- يىلى 11 - ئايدا ئېلان قىلىغان. پروگراممىدا مۇنداق دەپ بەلگىلەنگەن.
ئاممۋى مائارىپ سارايلىرىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ھۆكۈمەتنىڭ ئالتە بۈيۈك سىياسىتىنى ئاساس قىلغان ھالدا، ئاممىۋى مائارىپنى كېڭەيتىپ، مىللەتنىڭ مەدەنىيتىنى ئىلگىرى سۈرۈش. ساغلام پۇقرالارنى يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق خەلىقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش. تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە خەلق مائارىپ سارايلىرى پۈتۈن كۈچىنى مىللەتنىڭ ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە قارىتىش، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇپ، يېڭى ئۆلكە قۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشنى ئورۇنلاش. خەلق مائارىپ سارايلىرى خىزمىتى ساراي ئىشلىرى، كىتاب ۋە كۆرگەزمە، يېتەكچىلىكتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا ئايرىلىدۇ.
يېتەكچىلىك جەھەتتە، ساۋات چىقىرىش تەربىيسى ئۈچۈن مۇكەممەل ئاممىۋى مەكتەپ ياكى ساۋات چىقىرىش سىنىپىنى قۇرۇپ، باشقا خەلق مەكتەپلىرىگە ئۈلگە بولۇش، ھەر خىل پراكتىكا سىنپلىرى ياكى تەربىيلەش سىنىپلىرى ھەمدە ماتېرىيال ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى سىناق - تەجرىبىخانىلىرىنى قۇرۇش. مۇناسىۋەتلىك ئىشتىن سىرت پراكتىكا مەكتەپلىرىنى قۇرۇش، تەجرىبىخانلىرىنى قۇرۇش. مۇناسىۋەتلىك ئىشتىن سىرت پراكتىكا مەكتەپلىرىنى قۇرۇش، ئىلمىي مۇنازىرە ئېلىپ بېرىش ھەمدە مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ نۇتۇق سۆزلەتكۈزۈش، رايوندىكى ھەر قايسى مىللىي مەكتەپلەر ياكى باشلانغۇچ مەكتەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، قوشۇمچە جەمئىيەت تەربىيسى ئېلىپ بېرىش. ئاممىۋى خەت سوراش
ئورنى ۋە ۋاكالىتەن يېزىپ بېرىش ئورنى قۇرۇش. خەلق ئوقۇشلۇقلىرىنى تۈزۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پۇقرالار مائارىپ تەربىيسى جەھەتتە: ھەر قايسى مەكتەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ پۇقرالار تەربىيسى ئېلىپ بېرىش، يەرلىك تەلىم - تەربىيە تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ھەم ئۇنىڭغا قاتنىشىش، ئېقىم مەسىللىرى توغرىسىدا چىقىرىدىغان تام گېزىتلىرى، جەدۋەللەرنى تۈزۈش، ئېقىم مەسىللىرى تەتقىقات كومىتېتى تەشكىللەش، پىلانلىق ھالدا ھۆكۈمەتنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىنى چۈشەندۈرۈش ۋە ئۇنى تەشۋىق قىلىش. تۈرلۈك ئومۇمىي ساۋاتتىن مەسلىھەت بېرىش ئورنى، ئاممىۋى مەكتەپلەردە ئۇچۇر مۇلازىمەت ئورنى قۇرۇش، ئەدەپ - يۇسۇن ھەرىكىتىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش، تەسىرلەندۈرۈش مائارىپىنى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ساغلاملىق تەربىيىسى جەھەتتە: خەلقىنى تەنتەربىيە پائالىيەت پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش، رايونلۇق خەلق تەنتەربىيە تەشكىلاتىنىڭ خىزمەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ قىلىش، خەلق ئىچىدە تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ۋە تۈرلۈك ساغلاملىق مۇسابىقىلىرىنى ئېلىپ بېرىش. كېسەلدىن، زەھەردىن مۇداپىئەلىنىش ۋە تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش. دۆلەتنى قوغداش مەشقىنى تەشكىللەش. خەلق ئىچىدە سەھىيە - ساغلاملىق تەشۋىقاتىنى ۋە يېتەكچىلىك پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تەنتەربىيە - كۆڭۈل ئېچىش جەھەتتە: كىنولارنى مۇقىم قويۇش ۋە سەييارە قويۇش پائالىيتىنى ئېلىپ بېرىش، تىياتىر ئويناش، ناخشا ئېيتىش پائالىيتىنى ئاشكارا ئېلىپ بېرىش ياكى سەييارە قويۇش، شەھەر رايونلۇق ياكى يېزىلىق خەلق ناخشا ئۆمىكى ياكى مۇزىكا ئەترىتى تەشكىللەش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش. شەھەر رايونلۇق ياكى يېزىلىق تىياتىر ئۆمىكى تەشكىللەش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش. مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش بىرلەشمە يىغىنى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سەنئەت جەھەتتە: ھەر خىل ئېقىمدىكى ھەجۋى رەسىم ياكى ھەجۋى رەسىم تەتقىقاتىنى تەشكىللەپ ئېلىپ بېرىش، يەرلىكتىكى سەنئەت تالانتلىقلىرىدىن ۋە ئۇستىلىرىدىن پايدىلىنىپ، سەنئەت مەشقىگە تەشكىللەش، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ، ھەر خىل قەدىمىي بۇيۇملار ۋە قەدىمىي رەسىملەرنى يىغىپ - رەتلەش. ھەر قايسى مىللەتلەرگە خاس سەنئەت ۋە توپلىغان ئەسەرلىرىنى مەبلەغ سېلىپ تەتقىق قىلىش ۋە تەكشۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش.