UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىقۇمۇل شەھەرلىك يۇشىن باشلانغۇچ مەكتەپ

قۇمۇل شەھەرلىك يۇشىن باشلانغۇچ مەكتەپ

شىنجاڭ مائارىپى ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان مەكتەپلەر ئەسلى ئاساسى قۇمۇل نېفىت رايونى باۋباۋلى بالىلار باغچىسى، مەكتەپ بالىلار باغچىسىنىڭ ئاساسىدا ئاستا - ئاستا تەرەققىي قىلىپ بارلىققا كەلگەن. قىسقىغىنە بىر نەچچە يىلنىڭ ئىچىدە سىرتتىن مەبلەغ يىغىش، ئۆزى توپلاش، بانكىدىن قەرز ئېلىش قاتارلىق ھەرخىل شەكىللەر ئارقىلىق مەبلەغ توپلاپ، تىرىشىپ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلىدى. ئەڭ دەسلەپتە ئىجارىغا ئالغان ئالتە ئېغىزلىق مەكتەپ ئەسلىھەسىدىن تەرەققىي قىلىپ دەرسخانا، ئىشخانا، كومپيۇتېرخانا، كۇتۇپخانا قاتارلىق ئوقۇتۇش تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل بولغان. ئۆلچەملەشكەن مائارىپ ئورنىغا ئايلانغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تەسۋىر چۈشۈرۈش ئاپپاراتى، ماگىنتلىق دوسكا، تېلېۋىزور، VCD ، ئۈن - سىن ئۈسكۈنىلىرى، ئېلېكترونلۇق رويال، ئۈنئالغۇ قاتارلىق بىر يۈرۈش زامانىۋى ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋالغان. نۆۋەتتە بۇ مەكتەپنىڭ يەر كۆلىمى 11220 كۋادرات مېتىر. ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 1700 كۋادرات مېتىردىن ئارتۇق. بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئاساسلىقى نېفىت ئېچىش رايونىدىكى ھەرخىل ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ پەرزەنتلىرى بولۇپ، مۇقىمسىزلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك. مەكتەپ پۈتۈن ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان، يېرىم ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان، بېرىپ - كېلىپ ئوقۇيدىغان، مەخسۇس ماشىنا بىلەن ئەكىلىپ - ئاپىرىپ قويىدىغان بىر نەچچە تۈرلۈك مۇلازىمەتنى يولغا قويغان ھەم ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئوقۇش ھەققىنى مۇۋاپىق ھالدا كېمەيتكەن. 2000 - يىلى ئوقۇتقۇچى - خىزمەتچىلەر 25 نەپەر، بالىلارنىڭ چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك ۋە ئوقۇشتىن ئىلگىرىكى سىنىپلاردىكى ئوقۇغۇچى سانى 148 نەپەرگە، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1 - يىللىقىدىن 5 - يىللىقىغىچە ئالتە سىنىپ ئوقۇغۇچى سانى 260 نەپەرگە، پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 408 نەپەرگە يەتكەن.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى