ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 - باشلانغۇچ مەكتەپ
شىنجاڭ مائارىپى
باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى
- يىلى ئابدۇۋەلى قاتارلىقلار جانا كوچىسىنى ئىجارە ئېلىپ ئوقۇتۇش نۇقتىسى قىلىپ
قۇرغان، ئەينى چاغدا بايلارنىڭ بالىلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئوقۇتقان، كېيىن جەنۇبىي قۇۋۇق چوڭ مەسچىدىنىڭ غەربىدىكى چوڭ ھويلىغا كۆچكەن.
1936 - يىلى مەكتەپ ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ھەم 7 - باشلانغۇچ مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، تۆت يىللىق ئوقۇش
تۈزۈمىدىكى مىللىي مەكتەپ قىلىنىپ، قىز - ئوغۇللارنى ئايرىپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلغان. 1942 - يىلى 5 - باشلانغۇچنىڭ ھازىرقى ئورنغا يېڭى
مەكتەپ سېلىنىپ، مەركىزىي 4 - باشلانغۇچ مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. ئازادلىقتىن كېيىن مەكتەپ نامى مەركىزىي 5 - باشلانغۇچ قىلىپ
ئۆزگەرتىلگەن. مەكتەپنىڭ ئىلگىلىگەن يەر كۆلىمى 15780 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. 1996 - يىلى مەملىكەتلىك
ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ھازىرقى زامان مائارىپ تېخنىكىسى تەجرىبە مەكتىپى قىلىپ بېكىتىلگەن. 1999 - يىلىدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى
116 نەپەر، ئوقۇغۇچى سانى 1232 نەپەر.