بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق تېببىي مەكتەپ
شىنجاڭ مائارىپى
كەسپىي مائارىپ
- يىلى 8 - ئايدا قاراشەھەر ناھىيىسىدە قۇرۇلغان. 1962 - يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا تاقىۋېتىلگەن. 1975 - يىلى 11 - ئايدا كورلا شەھىرىدە قايتا ئېچىلغان. ئىگىلىگەن يەر مەيدانى 8971 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى
5396 كۋادرات مېتىر. بۇ مەكتەپ بايىنغۇلىن ئوبلاستىدىكى بىردىنبىر پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇتۇش تۈزۈمىدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ بولۇپ، بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق سەھىيە ئىدارىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە. ئوقۇتۇشتا خەنزۇ تىلى قوللىنىلىدۇ. دوختۇرلۇق، سىستېرالىق، تۇغۇت دوختۇرى، ئانا - بالىلار دوختۇرى، جۇڭيىچە داۋالاش، ئاممىۋى سەھىيە دوختۇرى، دورىگەرلىك، پىلانلىق تۇغۇت قاتارلىق كەسىپلەر ئېچىلغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى، ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بىرلىكتە رەسمىي كۇرس سىنىپى ئاچقان. 1992 - يىلى ۋە 1993 - يىلى ئىككى قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى تەشكىللىگەن ئوقۇتۇشنى باھالاشتىن ئۆتكەن. مەكتەپ شتاى 107. 1999 - يىلدىكى ئوقۇتقۇچى 43 نەپەر. (ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانى بارلار سەككىز نەپەر. ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنۋانى بارلار 28 نەپەر). ئوقۇغۇچى 1417. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بېرى جەمئىي 3414 نەپەر ئوقۇغۇچى تەربىيىلىگەن.