UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىبەش خىل نۇقتىئىنەزەر تەربىيىسى

بەش خىل نۇقتىئىنەزەر تەربىيىسى

شىنجاڭ مائارىپى ئىدىيىۋى سىياسىي تەربىيە بەش خىل نۇقتىئىنەزەر تەربىيىسى دېگەنلىك، ماركسىزملىق دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، دىن قارىشى، تارىخ قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى قاتارلىقلار ئارقىلىق ھەرمىللەت كادىر ئاممىسىنى ۋە ياش - ئۆسمۈرلەرنى تەربىيىلەش، ئۇلارنىڭ ئېڭىدا دۆلەت، مىللەت، دىن، تارىخ، مەدەنىيەت قاتارلىق مەسىلىلەردە توغرا ئىدىيە تۇرغۇزۇشنى كۆرسىتىدۇ. ھەرمىللەت كادىر ئاممىسى ۋە ياش - ئۆسمۈرلەرگە بولغان بەش خىل نۇقتىئىنەزەر تەربىيىسى ئۇزاق بىر تارىخىي باسقۇچنى بېسىپ ئۆتتى. 20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىلگىرى - كېيىن پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا پارتىيىنىڭ مىللىي سىياسىتى قايتا تەربىيىسى ۋە تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى ئىككى قېتىملىق قانات يايدۇرۇپ، چوڭ خەنزۇچىلىق بىلەن يەرلىك مىللەتچىلىككە قارىتا تەنقىدىي تەربىيىنى ئېلىپ باردى. تەربىيىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ھەر مىللەت كادىرلىرى بولدى. بۇ ماركسىزملىق مىللەت قارىشى تەربىيىسى خىزمىتىنىڭ دەسلەپكى شەكىلىدۇ. 11 - نۆۋەتلىك 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن <ئون يىللىق ئىكى قالايمىقانچىلىق> نىڭ ھەرمىللەت، دىن خىزمەتلىرىگە ئېلىپ كەلگەن ئېغىر زىيانلىرى ھەمدە كىشىلەر ئىدىيىسىدە تۇغدۇرغان قالايمىقانچىلىق ھالىتىگە قارىتا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يەنە بىر قېتىم مەملىكەت مىقياسىدا مىللىي سىياسەت قايتا تەربىيىسى خىزمىتى ئېلىپ باردى. بۇ قېتىملىق تەربىيىنىڭ مەزمونى پارتىيىنىڭ مىللىي دىنىي سىياسىتى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بىر قەدەر سىستېمىلىق بولغان ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيىسى بىلەن دىنغا بولغان ئاساسىي كۆزقاراشلىرى بولۇپ، تەربىيىنڭ ئوبيېكتى پەقەت ھەرمىللەت كادىرلرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كەڭ خەلق ئاممىسىنىمۇ ئۆز ئىچىكگە ئالىدۇ. مەركەزنىڭ ھۆججىتىدە تۇنجى بولۇپ ماركسىزملىق <مىللەت قارىشى>، <دىن قارىشى> ئارقىلىق ھەرمىللەت كادىر ئاممىسىنى تەربىيىلەشنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەركەزنىڭ يوليورۇقىنىڭ روھىغا ئاساسەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەردەرىجىلىك ھەرخىل مەكتەپلەر، شۇنىڭدەك پارتىيە مەكتەپلىرى سىستېمىسىدا تۇنجى بولۇپ ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيىسى ۋە پارتىيىنىڭ مىللىي سىياسەتلىرىنى ئوقۇتۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى ھەمدە پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسى ئىچىدە تۇنجى بولۇپ مىللەتلەر ئىتتىپاقىلىقنى مۇكاپاتلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. ماركسىزملىق مىللەت قارىشى تەربىيە خىزمىتى شۇ مەزگىلدىكى نۇقتىلىق خىزمەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىدىن 90 - يىللارنىڭ دەسلىپىگىچە شىنجاڭدىكى مىللىي بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارنىڭ شىنجاڭ بىلەن ۋەتەن ئوتتۇرىسىدا ئىغۋاگەرچىلىك تۇغدۇرۇشى، شۇنداقلا دىنىي خىزمەتلەردە ساقلىنىۋاتقان بەزى مەسىلىلەرگە قارىتا، ماركسىزملىق مىللەت قارىشى تەربىيىسىنى كۈچەيتكەن ئاساستا يەنە نۇقتىلىق ھالدا ماركسىزملىق دۆلەت قارىشى ۋە دىنىي قاراش تەربىيىسى خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. 20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن بۇيان، مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ تارىخى، مىللىي دىنىي تارىخى، مەدەنىيەت مەسىلىلىرىدىكى پاكىتنى بۇرمىلاش مەسىلىسىگە قارىتا، نۇقتىلىق ھالدا ماركسىزملىق تارىخىي كۆز قاراش ۋە مەدەنىيەت قارىشى تەربىيىسى خىزمىتىنى كۈچەيتتى ھەمدە تۇنجى قېتىم ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق ھالدا ماركسىزملىق دۆلەت، مىللەت، دىن، تارىخ، مەدەنىيەت قاراشلىرىنىڭ ئاساسىي ئىدىيىسىنى بايان قىلدى. مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ دۆلەت، مىللەت، دىن، تارىخ ۋە مەدەنىيەتكە بولغان ئەكسىيەتچىل ئىدىيىلىرىگە قارىتا چوڭقۇر تەنقىد ئېلىپ باردى ھەمدە ھەرمىللەت كادىر ئاممىسىغا <بەش خىل نۇقتىئىنەزەر> تەربىيىسىنى ئېلىپ باردى، بۇ ئارقىلىق ماركسىزملىق <بەش خىل نۇقتىئىنەزەر> تەربىيىسى شەكىللەندى.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى