UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىشىنجاڭ نېفىت مەكتىپى

شىنجاڭ نېفىت مەكتىپى

شىنجاڭ مائارىپى كەسپىي مائارىپ - يىلى 10 - ئايدا ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان. ئەسلى نامى نېفىت سانائەت مىنىستىرلىكى ئۈرۈمچى نېفىت مەكتىپى. 1951 - يىلى 5 - ئايدا مايتاغقا كۆچۈرۈلگەن ھەم مايتاغ نېفىت مەكتىپى قىلىپ بېكىتىلگەن. 1994 - يىلى 4 - ئايدا شىنجاڭ نېفىت مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسىگە قارايدۇ. 1994 - يىلى مەملىكەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم قىلىپ بېكىتىلگەن. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 866580 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 57167 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش خەنزۇ تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم قاتىلىمىدىكى ئەمەلىيەتچان، ماسلىشىشچان تېخنىك خادىملار ۋە باشقۇرۇش خادىملىرىنى تەربىيىلەشنى مەقسەت قىلغان، <بىر كەسىپ كۆپ گۇۋاھنامە تۈزۈمى> نى يولغا قويغان مەكتەپ بولۇپ، قۇرۇلۇش تۈرلىرىدىكى بارلىق كەسپىلەرگە ماشىنىسازلىق، كومپيۇتېر، مانتيورلۇق قاتارلىق ئومۇمىي پەنلەرنى كىرگۈزۈپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ <3+1> تۈزۈمى ۋە <بەش باسقۇچ شەكلى> قاتارلىق ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى ئېلىپ بېرىپ ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئوقۇتۇش كۈچەيتىلگەن. چوڭ دائىرىدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ، كەڭ دائىرىدە تەربىيىلەش قاتارلىق ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى سىنىقى ئېلىپ بېرىپ، ئوقۇتۇشتا ئەمەلىيلەشتۈرگەن. ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ پۈتتۈرگەندە دىپلومغا ئېرىشكەندىن باشقا يەنە بىر قانچە كەسپىي خىزمەت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشەلەيدۇ. مەكتەپتە تەسىس قىلىنغان كەسىپلەردىن نېفىت قۇرۇلۇشى، خىمىيە قۇرۇلۇشى، ماشىنىسازلىق قۇرۇلۇشى، ئېلېكتر قۇرۇلۇشى، توك كۈچى قۇرۇلۇشى، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، مۇلازىمەت ئۇچۇر قۇرۇلۇشى قاتارلىق سەككىز چوڭ تۈر، 40 قا يېقىن كەسىپ بار بولۇپ، نۆۋەتتە مەملىكەتتىكى سانائەت ئوتتۇرا تېخنىكوملىرى ئىچىدە ئەڭ مۇكەممەل مەكتەپلەرنىڭ بىرى. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كومپيۇتېر ئۆيى، مەكتەپ تورى، توك ئۆزگەرتىش پونكىتى ۋە ئېلېكتر ئىستانىسى تەقلىدى سىستېمىسى، نېفىت - خىمىيە سانائىتى، ئاپتوموبىل شوپۇرلۇق، ماشىنىسازلىق، ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى كەسپىي، تىل ئۆيى، بوغالتىرلىق، مېھمانخانا مۇلازىمىتى ۋە باشقۇرۇش قاتارلىق 15 چوڭ تۈردە پراكتىكا ۋە كۆپ مىدىئانلىق قوش يۆنىلىشلىك ئېلېكترلەشكەن ئوقۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىنغان. كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان كىتاب 220000 پارچىدىن ئارتۇق. مەكتەپ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مەملىكەتلىك ئېنېرگىيە سىستېمىسىدىكى كەسپىي تېخنىكا مائارىپىدىكى ئىلغار مەكتەپ، مەملىكەتلىك كەسپىي تېخنىكا مائارىپى سىستېمىسى تەنتەربىيە تەربىيىسى خىزمىتىدىكى ئىلغار مەكتەپ، جۇڭگو نېفىت تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىدىكى ئىلغار مائارىپ ئورنى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەتلىك ئورۇن قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن. مەكتەپ قۇرۇلغان 43 يىلدىن بۇيان ھەر تۈرلۈك كەسپىي خادىملاردىن 18000 نى تەربىيىلىگەن. 1999 - يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى 198 نەپەر. بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي ئۇنۋانغا ئىگە ئوقۇتقۇچى 38 نەپەر. ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئونۋانغا ئېرىشكىنى 122 نەپەر. مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى سانى 7000 نەپەردىن كۆپرەك.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
شىنجاڭ نېفىت مەكتىپى | UyghurWiki | UyghurWiki