كۈيتۈن شەھەرلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ
شىنجاڭ مائارىپى
ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى
- يىلى 3 - ئايدا ئەسلىدىكى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 22 - بىڭتۈەن 25 - دېۋىزىيىسى
پەرزەنتلەر مەكتىپى ئاساسىدا قۇرۇلغان. مەكتەپ ئورنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە بولۇپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئەڭ بالدۇر قۇرغان
مەكتەپ. 1950 - يىلى 8 - ئايدا قوشۇن تۇرۇشلۇق ئورۇن ساۋەن ناھىيىسىنىڭ شياۋگۇەي، پاۋتەي بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىغا كۆچكەن. 1954 - يىلى
شىنجاڭ ھەربىي رايون ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يېزا ئىگىلىك 7 - دىۋىزىيە پەرزەنتلەر مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1957 - يىلى 3 -
ئايدا يېزا ئىگىلىك 7 - دىۋىزىيىگە ئەگىشىپ كۈيتۈنگە كۆچۈپ كەلگەن. 1958 - يىلى 9 - ئايدا تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى ۋە دېھقانچىلىق سىنىپى
ئاچقان. 1961 - يىلى 9 - ئايدا تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلىق سىنىپى ئاچقان. 1962 - يىلى يېزا ئىگىلىك 7 - دىۋىزىيە 1
- ئىيۇل ئوتتۇرا مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1965 - يىلى 9 - ئايدا ئوتتۇرا دەرىجىلىك دوختۇر، سىستېرا سىنىپى ئاچقان. مەدەنىيەت
ئىنقىلابىدىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلىق سىنىپى ۋە سىستىرالار سىنىپىنى توختاتقان. 1975 - يىلى شۆبە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوتتۇرا مەكتەپتىن
ئايرىلىپ چىقىپ، مەكتەپ تولۇق ئوتتۇرا بولۇ قۇرۇلغان. شۇ يىلى كۈيتۈن شەھەرلىك مەدەنىيەت مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ
بېرىلىپ، ئىككىنچى يىلى كۈيتۈن شەھەرلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1981 - يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق ئوتتۇرا
مەكتەپ قىلىپ بېكىتىلگەن. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 110000 كۋدرات مېتىر، ئوقۇتۇش رايونى كۆلىمى 8058 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش خەنزۇ تىلىدا
ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەكتەپ شتاتى 163 نەپەر. 1999 - يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى 131 نەپەر، ئوقۇتۇش سىنىپى 38، ئوقۇغۇچى سانى 2058 نەپەر.