ئالتاي ۋىلايەتلىك مائارىپ كومىتېتى
شىنجاڭ مائارىپى
مائارىپ ئاپپاراتلىرى
- يىلى ئالتاي شەھىرىدە قۇرۇلغان. 1950 - يىلى 3 - ئايدىن 1966 - يىلغىچە مەدەنىي مائارىپ سەھىيە بۆلۈمى دەپ ئاتالغان. 1966 - يىلى 5 - ئايدىن 1971 - يىلى 7 - ئايغىچە مەدەنىي مائارىپ بۆلۈم ئىشلەپچىقىرىش ئىشخانىسى قارمىقىدا بولۇپ، مەدەنىي، مائارىپ، سەھىيە گۇرۇپپىسى دەپ ئاتالغان. 1971 - يىلدىن 1974 - يىلى 6 - ئايغىچە، مەدەنىيە، مائارىپ، سەھىيە ئايرىپ تەسىس قىلىنىپ، مەدەنىي مائارىپ ئىدارىسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان. 1974 - يىلى مەدەنىيەت، مائارىپ ئىدارىسى قۇرۇلغان. 1983 - يىلى 10 - ئايدا مائارىپ باشقارمىسىغا ئۆزگەرتىلگەن. 1984 - يىلى 6 - ئايدا مەدەنىيەت ۋە مائارىپ بىرلەشتۈرۈلۈپ، مەدەنىي مائارىپ باشقارمىسى قۇرۇلغان. 1986 - يىلى مائارىپ باشقارمىسى قۇرۇلغان. 1998 - يىلى 3 - ئايدا ئالتاي ۋىلايەتلىك مائارىپ كومىتېتىغا ئۆزگەرتىلگەن.