خەلق مائارىپ فوندى
شىنجاڭ مائارىپى
مەكتەپ قۇرۇش شەرتلىرى
كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق مائارىپ مەبلىغى توپلاش ئۈچۈن 1996 - يىلى 2 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى شۇ يىلى 3 - ئايدا پۈتۈن ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە خەلق مائارىپ فوندى يىغىشنى قارار قىلدى ھەمدە <شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق مائارىپ فوندىن يىغىش، باشقۇرۇش توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق چارىسى> نى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا <خەلق مائارىپ فوندىنى ناھىيە (شەھەر، رايون) گە قاراشلىق ئورۇنلار بەلگىلىك نىسبەت بويىچە يۇقىرىغا تاپشۇرۇش پرىنسىپ ئاساسىدا يىغىۋېلىنىدۇ. مەركەز ۋە سىرتقى جايلارنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرى، ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەگە بىۋاستە قاراشلىق ئورگانلار، كارخانا كەسپىي ئورۇنلار قاتارلىقلاردىن ئۇلار تۇرۇشلۇق ناھىيە (شەھەر، رايون) يىغىۋالىدۇ. كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىن ئۆزلىرى مەكتەپ قۇرغانلىرىغا مەكتەپ تۇرۇشلۇق ناھىيە (شەھەر، رايون) لارنىڭ يىغىۋېلىش كومىتېتى ئۇلارنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى سانىنىڭ شۇ ناھىيىدىكى ئوقۇغۇچى سانى ئىچىدە
ئىگىلەيدىغان نىسبىتىگە ئاساسەن ئارتۇق قىسمى قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ. ئورگان، كوللېكتىپ، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچىلىرى ئايلىق مائاشىنىڭ 1 پىرسەنتىنى، شەھەر - بازارلادىكى يەككە تىجارەتچىلەر ئايلىق ساپ كىرىمى ئىچىدە مۇقىم نىسبەتتە خەلق مائارىپ فوندى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ ئۆي ئەسلىھەلىرىنى رېمونت قىلىش، ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى ۋە كىتاب ماتېرىيال سېتىۋېلىش، ئومۇمىي ئىشلار خىراجىتىنىڭ كېىمى تولۇقلاش، توققۇز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق چىقىملارغا ئىشلىتىلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرى يىللىق ئىشلىتىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوخشاش دەرىجىلىك يىغىش - باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشىغا يوللىغاندىن
كېيىن ئىجرا قىلىنىدۇ. 1999 - يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 60 مىليون يۈەن خەلق مائارىپ فوندى يىغىۋېلىنغان.