UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىقەشقەر سەنئەت مەكتىپى

قەشقەر سەنئەت مەكتىپى

شىنجاڭ مائارىپى كەسپىي مائارىپ قەشقەر شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، 1979 - يىلى ئاپتونوم رايونلق مەدەنىيەت نازارىتى تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ قۇرۇلغان شىنجاڭدىكى ئۈچ سەنئەت سىنىپىنىڭ بىرسى. 1995 - يىلى ئاپتونوم رايونلق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن<قەشقەر مەدەنىيەت - سەنئەت مەكتىپى> بولۇپ قۇرۇلغان. 1996 - يىلى <قەشقەر سەنئەت مەكتىپى> دېگەن نام بېكىتىلگەن. قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ قاتارلىق ۋىلايەت ھەم ئوبلاست ۋە بىڭتۈەن يېزا ئىگىلىك ئۈچىنچى دىۋىزىيىسىنىڭ مەدەنىيەت - سەنئەت خادىملىرىنى تەربىيىلەش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. مەكتەپ قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئاران توققۇز نەپەر ئىشچى - خىزمەتچى ۋە ئوقۇتقۇچىسى بىلەن 41 نەپەر ئوقۇغۇچىسى بار ئىدى. مەكتەپنىڭ ئورنى ۋىلايەتلىك ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى ئىچىدە ئىدى. 1989 - يىلىغا كەلگەندە، مەكتەپ قەشقەر شەھەر شامالباغ يېزىسىنىڭ ئون بىرىنچى كەنتىدە قۇرۇلغان. مەكتەپ شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلانغان. ئىگىلىگەن يەر مەيدانى 13432 كۋادرات مېتىر بولۇپ، ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 3470 كۋادرات مېتىر، مەكتەپتە تۆت بۆلۈم (ئىشخانا، ئىلمىي بۆلۈم، ئوقۇغۇچىلار بۆلۈمى، ئىتتىپاق كومىتېتى) ۋە تۆت ئوقۇتۇش - تەتقىقات گۇرۇپپىسى (ئۇسسۇل، مۇزىكا، مەدەنىيەت دەرسلىرى ۋە گۈزەل - سەنئەت ئاممىۋى مەدەنىيەت كافىدراسى) بولۇپ، ئۇسسۇل، مۇزىكا، ناخشا، دراما، گۈزەل - سەنئەت، ئاممىۋى مەدەنىيەت قاتارلىق ئالتە كەسىپ ئېچىلغان. كەسپىي دەرسەلرنى تەسىس قىلغاندىن سىرت يەنە ئەدەبىيات، خەنزۇچە، سىياسەت، تارىخ، جۇغراپىيە، ماتېماتىكا، تەنتەربىيە، پېداگوگىكا قاتارلىق مەدەنىيەت دەرسلىرىنى تەسىس قىلغان. 1999 - يىلدىكى ئوقۇتقۇچى سانى 33 نەپەر. (مۇئاۋىن ئالىي دەرىجىلىك لېكتور بىر نەپەر، لېكتور 13 نەپەر، تۆۋەن دەرىجىلىك لېكتور 19 نەپەر) 1982 - يىلىدىن 1999 - يىلغا قەدەر جەمئىي 530 نەپەر ئوقۇغۇچىنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن. بىلىم ئاشۇرغان ئوقۇغۇچىلار 59 نەپەر.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
قەشقەر سەنئەت مەكتىپى | UyghurWiki | UyghurWiki