<شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنال>
شىنجاڭ مائارىپى
مائارىپ گېزىت، ژۇرنال ۋە ئەسەرلىرى
شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تەسىس قىلغان مائارىپ تۈرىدىكى ئىلمىي ژۇرنال. 1980 - يىلى نەشر قىلىنىشقا باشلىغان، ئىككى خىل تىلدا نەشىر قىلىنىدىغان، تۆت خىل ئىلمىي ژۇرنال. پەلسەپە ئىجتىمائىي پەن نەشرى خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە ئىككى خىل يېزىقتا نەشردىن چىقىدىغان پەسىللىك ژۇرنال. تەبىئىي پەن نەشرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى نەشرى بولسا يېرىم يىللىق ژۇرنال، خەنزۇچە نەشرى بولسا پەسىللىك ژۇرنال. بۇ ژۇرنالدا غەربىي دىيار نەزەرىيىلىرى، ئوقۇ - ئوقۇتۇش تەتقىقاتى، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل ئوقۇتۇش تەتقىقاتى، مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىق ئىلمى ۋە شىنجاڭ مەدەنىيەت تەتقىقاتى قاتارلىق سەھىپىلەردىن ئېچىلغان. خەنزۇ تىلىدىكى پەلسەپە ئىجتىمائىي پەن نەشرى 1998- يىلى <تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەن مۇنەۋۋەر ئىلمىي ژۇرنىلى>، 1999 - يىلى يەنە <تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە يۈز كۈچلۈك ئىجتىمائىي پەن ژۇرنىلى> بولۇپ باھالانغان. ئۇيغۇرچە پەلسەپە ئىجتىمائىي پەن نەشرى 1999 - يىلى <تۇنجى قارار مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر ئىجتىمائىي پەن ژۇرنىلى> بولۇپ باھالانغان.