UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىشىنجاڭ خۇاليەن كەسپىي مەكتىپى

شىنجاڭ خۇاليەن كەسپىي مەكتىپى

شىنجاڭ مائارىپى ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان مەكتەپلەر - يىلى قۇرۇلغان. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلىغان ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتىپىدىن ئىبارەت. ئوقۇش مۇددىتى ئۈچ يىل، ئوقۇش مۇددىتى توشقان ھەمدە نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغانلارغا مائارىپ كومىتېتى بېسىپ تارقاتقان ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ. ئوقۇش تارىخىنى دۆلەت ئېتىراپ قىلىدۇ.مەكتەپ كەسپىي تېخنىكوم قاتلىمىدىكى ئەمەلىيەتچان ئىختىساسلىق خادىملارنى تەربىيىلەشنى نىشان قىلىپ، ھەرقايسى كەسپىلەرنىڭ تەربىيىلەش نىشانى ۋە دەرسلىك تۈزۈلمىسىگە ئاساسەن ئوقۇ - ئوقۇتۇشنى تەشكىللىگەن. 1996 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق كومپيۇتېر قوللىنىشنى كېڭەيتىش رەھبەرلىك ئىشخانىسىنىڭ تەستىقى بىلەن رايونىمىزدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى كومپيۇتېر قوللىنىش تېخنىكىسىنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەربىيىلەش نۇقتىسى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى تەستىقلايدۇ. خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ. كەسپىي دەرسلىكلەردىن كومپيۇتېر قوللىنىش، تاشقى سودا ئىنگلىز تىلى، تاشقى سودا رۇس تىلى، ھۈنەرۋەنچىلىك، گۈزەل - سەنئەت بېزەكچىلىكى، ئامانلىق قوغداش، ماددىي ئەشيالارنى باشقۇرۇش قاتارلىقلار ئېچىلغان. مەكتەپنىڭ يەر كۆلىمى 3900 كۋادرات مېتىر، بىرلىشىپ مەكتەپ قۇرۇش شارائىتىغا ئىگە. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان جەمئىي 3500 نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى تەربىيىلىگەن.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
شىنجاڭ خۇاليەن كەسپىي مەكتىپى | UyghurWiki | UyghurWiki