شىنجاڭ چوڭلار ئالىي مائارىپ تەتقىقات جەمئىيىتى
شىنجاڭ مائارىپى
مائارىپ ئاپپاراتلىرى
مەزكۇر جەمئىيەتنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تەسىس قىلغان بولۇپ ئۇنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ. 1990 - يىلى 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى قۇرۇلغان. مەزكۇر جەمئىيەت شىنجاڭ چوڭلار ئالىي مائارىپىدىكى ئاممىۋى ئىلمىي كوللېكتىپ، ئۇنىڭ ئاساسىي نىشانى چوڭلار ئالىي مائارىپىنىڭ نەزەرىيە تەتقىقاتىنى ئېلىپ بېرىش، چوڭلار ئالىي مائارىپىنىڭ قانۇنىيەتلىرى ئۈسىتىدە ئىزدىنىش، چوڭلار ئالىي مائارىپىنىڭ تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەش، ھەرقايسى ئەزا ئورۇنلارنى رايون ئىچى - سىرتىدىكى ۋە خەلقئارادىكى چوڭلار ئالىي مائارىپ ئىلمىي ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆز ئارا زىيارەت قىلىش پائالىيەتلىرىگە قانىشىشقا تەشكىللەشتىن ئىبارەت. مەزكۇر جەمئىيەت جۇڭگو چوڭلار مائارىپ ئۇيۇشمىسى، شىنجاڭ چوڭلار ئالىي مائارىپ ئۇيۇشمىسى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر بىرلەشمىسى قاتارلىقلارنىڭ ئەزاسى، ھازىر بۇ جەمئىيەت تارمىقىدا 37 ئەزا ئورۇن بار. جەمئىيەت ژۇرنىلى بولغان <شىنجاڭ چوڭلار مائارىپ> ھازىرغا قەدەر 30 سان
نەشىر قىلىندى