شىنجاڭ ۋىيدى مىللىي مۇزىكا سەنئەت كەسپىي مەكتىپى
شىنجاڭ مائارىپى
ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان مەكتەپلەر
مىللىي مۇزىكا ئىختىساسلىق خادىملىرىنى تەربىيىلەشنى ئاساس قىلغان ئىشتىن سىرتقى سەنئەت مەكتىپىدۇر. 1998 - يىلى ئۈرۈمچى شەھىرى جۇڭشەن يولىدىكى ۋىيدى چالغۇ ئەسۋابلار دۇكىنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى گۇجىڭ كەسپىي سىنىپىنى تەسىس قىلدى. 1999 - يىلى 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى شىنجاڭ ۋىيدى مىللىي مۇزىكا سەنئەت مەكتىپى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتىنىڭ تەسىتىقىدىن ئۆتۈپ رەسمىي قۇرۇلدى ھەم ئۈرۈچى خەلق مەيدانىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش، ئاۋمىننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كېلىش يۈزىسىدىن 100 كىشىلىك گۇجىڭ سەنئەت نومۇرى ۋە ئورۇنلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. مەكتەپ يەنە بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر كەسپىي ئوقۇتقۇچىلارنى ھەم شىنجاڭ مەدەنىيەت - سەنئەت ساھەسى ۋە مۇزىكا مائارىپى ساھەسىسىكى 12 نەپەر داڭلىق سەنئەتكارنى تەكلىپ قىلىپ، مائارىپ مەسلىھەتچىلىكىگە قويدى. مەكتەپ بىر مىليون يۈەن مەبلەغ
سېلىپ توققۇز ئوقۇتۇش نۇقتىسى تەسىس قىلغان بولۇپ، گۇجىڭ، پىپا، ئىرخۇ، ساكسېفون، گىتار، ئۇسسۇل، خەتتاتلىق، رەسساملىق قاتارلىق
كەسپىي دەرسلەر تەسىس قىلدى. مەكتەپ بىناسىنىڭ يەر كۆلىمى 3000 كۋادرات مېتىر. مەكتەپ يەنە مۇزىكا ئەسۋابلىرى زاۋۇتى، ياش - ئۆسمۈرلەر
سەنئەت ئۆمىكى قاتارلىقلارنى قۇردى. 2000 - يىلى ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلەر 50 نەپەرگە، ئوقۇتۇش سىنىپى 28 گە، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلىرى 1200
نەپەرگە يەتتى.