UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىئىلى ۋىلايەتلىك مائارىپ كومىتېتى

ئىلى ۋىلايەتلىك مائارىپ كومىتېتى

شىنجاڭ مائارىپى مائارىپ ئاپپاراتلىرى - يىلى ئىلى ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت مائارىپ باشقارمىسى قۇرۇلدى. ئىلى بىرىنچى، ئىككىنچى پېداگوگىكا مەكتىپى مائارىپ باشقارمىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى. شۇ يىلى ۋىلايەتلىك مائارىپ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى. 1986 - يىلى 3 - ئايدا ئىلى ۋىلايىتىدە مەدەنىي مائارىپ ئورگانلىرى ئايرىپ تەسىس قىلىنىپ، ۋىلايەلتىك مائارىپ باشقارمىسى قۇرۇلدى. 1998 - يىولى ۋىلايەتلىك مائارىپ باشقارمىسى ئورگان ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ، ۋىلايەلتىك مائارىپ كومىتېتى دەپ ئۆزگەرتىلدى. شتاتى 100 نەپەر. ھازىر ئالتە فونكسىيىلىك ئىشخانا، بۆلۈم بار بولۇپ، ئۇلار: كومىتېت، ئىشخانا، كادىرلار تەشكىلات بۆلۈمى، ئاساسىي مائارىپ بۆلۈمى، مالىيە پىلان بۆلۈمى، چوڭلار مائارىپ بۆلۈمى، مالىيە پىلان بۆلۈمى، چوڭلار مائارىپ بۆلۈمى، كەسپىي تېخنىكا مائارىپ بۆلۈمى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۈچ كەسپىي ئورۇن بار بولۇپ، ئۇلار: مائارىپ ئىمتىھان مۇلازىمەت مەركىزى، تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئىقتسادچانلىق بىلەن مەكتەپ قۇرۇش ئىشخانىسى، ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىنى باشقۇرۇش پونكىتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە مائارىپ مۇپەتتىش ئىشخانىسىمۇ مائارىپ كومىتېتى ئىچىدە تەسىس قىلىنغان.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
ئىلى ۋىلايەتلىك مائارىپ كومىتېتى | UyghurWiki | UyghurWiki