<ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى>
شىنجاڭ مائارىپى
مائارىپ گېزىت، ژۇرنال ۋە ئەسەرلىرى
ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى تەسىس قىلغان ئۇنىۋېرسال پەسىللىك ئىلمىي ژۇرنال بولۇپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىغا ئاشكارا تارقىتىلىدۇ. خەنزۇچە - قازاقچىدىن ئىبارەت ئىككى خىل يېزىقتا نەشر قىلىنىدۇ. ھەر ئىككى خىل ژۇرنال ئوخشاش بولمىغان مەزموندا نەشىردىن چىقىدۇ. خەنزۇتىلى نەشرى 1982 - يىلى 3 - ئايدا نەشر قىلىنىشقا باشلىغان. دەسلەپتە قەرەلسىز ئىچكى قىسمىدا تارقىتىلىدىغان ژۇرنال ئىدى. 1992 - يىلى 1 - سانىدىن باشلاپ قەرەللىك ھالدا بىر يىلدا بەش سان نەشر قىلىنىدىغان بولدى. يەنى ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەن بويىچە ئايرىم نەشر قىلىنىپ ھەريىلى ئىجتىمائىي پەن نۇسخىسى تۆت سان، تەبىئىي پەن نۇسخىسى بىر سان چىقىرىلدى. ھەر سان ئىلمىي ژۇرنال 16 فورماتلىق جەمئىي 80 بەت ئىدى. 1999 - يىلى ھەر ئىككى خىل نەشرى بىردەك دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادا ئاشكارا تارقىتىلىدىغان ژۇرنال بولۇپ تەستىقلاندى. خەنزۇتىلى نەشرىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى بىر تۇتاش ژۇرنال نومۇرى CN65-1186/G4،
خەلقئارالىق ئۆلچەملىك ژۇرنال نومۇرى ISSN1009-1076، قازاق تىلى ژۇرنىلىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى بىر تۇتاش ژۇرنال نومۇرىCN65-1186/G4-H
، خەلقئارالىق ئۆلچەملىك ژۇرنال نومۇرى ISSN1009-1084، ئىلمىي ژۇرنال ئەسلىدىكى ئىجتىمائىي پەن نەشرى ۋە تەبىئىي پەن نەشرىدىن
ھازىرقى ئۇنىۋېرسال نەشرىگە ئۆزگەرتىلىپ، ھەربىر سانى يەنىلا 16 فورماتلىق، جەمئىي 96 بەت قىلىندى. ھەر بىر ساننىڭ تراژى ئايرىم - ئايرىم ھالدا
800، 600 پارچە. ئىلمىي ژۇرنال 2000 - يىلى 6 - ئايدا <جۇڭگو ئىلمىي ژۇرنىلى> (نۇرلۇق دېسكا نەشرى) ۋە <جۇڭگو ژۇرنال تورى> شىفىر ئامبىرىغا
كىرگۈزۈلدى. 2000 - يىلى 10 - ئايدا ئىككى خىل يېزىق نەشىرى تاياقچەسىمان نومۇرنى قوللاندى ھەمدە 2001 - يىلى 1 - سانىدا ئىشلىتشىكە باشلىدى.2000- يىلغا قەدەر 4 - سان خەنزۇچە ژۇرنال 65 سان نەشر قىلىندى. قازاقچە نەشرى 59 سان نەشر قىلىندى. مەزكۇر ژۇرنالدا ئىدىيىۋى سىياسىي مۇنبەر، جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئەدەبىي ماقالىلىرى، يازغۇچىلار ئەسەلىرىگە باھا، پېداگوگىكا مائارىپى، مىللىي مائارىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش، قازاق مەدەنىيىتى تەتقىقاتى، تىل - يېزىق، قوش تىللىق ئوقۇتۇش، مەكتەپ ئىگىلىكىدىكى كارخانا، كۇتۇپخانا خىزمىتى، ئىلى مەدەنىيەت تارىخى، يىپەك يولى تەتقىقاتى ۋە ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، تەنتەربىيە قاتارلىق كۆپ خىل سەھىپىلەر ئېچىلغان.