UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىئۈرۈمچى ئىجتىمائىي كەسپىي تېخنىكومى

ئۈرۈمچى ئىجتىمائىي كەسپىي تېخنىكومى

شىنجاڭ مائارىپى ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان مەكتەپلەر - يىلى تەييارلىق كۆرۈپ، 1982 - يىلى ئىشتىن سىرتقى تەربىيىلەش سىنىپى ئاچقان. 1985 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق ئۈرۈمچى ئىجتىمائىي كەسپىي تېخنىكومى دەپ تىزىمغا ئالدۇرغان. تەسىس قىلىنغان كەسىپلەردىن تەرجىمانلىق، كومپيۇتېر قوللىنىش، قانۇن، مالىيە بوغالتىرلىق، ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشى، دوختۇرلۇق، سىستېرالىق، گۈزەل - سەنئەت، تەنتەربىيە قاتارلىقلار بار. 2000 - يىلى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىسى 27 نەپەرگە، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار 466 نەپەرگە يەتكەن. مەكتەپنىڭ يەر كۆلىمى 26640 كۋادرات مېتىر. ھەرخىل قۇرۇلۇش كۆلىمى 23100 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇش بىناسى، ئىشخانا بىناسى قاتارلىق ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىدىن باشقا يەنە 3000 كۋادرات مېتىرلىق تەجرىبە بىناسى ۋە ئوقۇغۇچىلار پراكتىكا قىلغاندا ئىشلىتىلىدىغان 2664كۋادرات مېتىرلىق مېۋىلىك بېغى ۋە پارنىكى بار. مەبلەغنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 50 مىليون يۈەندىن ئارتۇق. مەكتەپتە يېتىپ - قوپۇپ ئوقۇيدىغان 2000 نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇۇغچىنى سىغدۇرالايدۇ. مەكتەپ نىشانلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، ئېھتىياجغا ئاساسەن تەربىيىلەش، كەسىپگە ماس كەلتۈرۈش، ئۆگەنگەننى ئىشلىتەلەيدىغان قىلىش ئوقۇتۇش پرىنسىپىنى يولغا قويغان بولۇپ، مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان جەمئىي 20 مىڭدىن ئارتۇق ئىختىساسلىق خادىملارنى تەربىيىلىگەن. ئۇنىڭ ئىچىدە 8000 نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى دۆلەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتناشقان بولۇپ، ئوتتۇرا تېخنىكۇم ئوقۇش تارىخىنى دۆلەت ئېتىراپ قىلىدۇ. 13 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ھەرقايسى كەسىپلەردىن تەربىيىلىنىشكە قاتناشقان بولۇپ، 2000 نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، مەخسۇس كۇرس ۋە تولۇق كۇرس ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
ئۈرۈمچى ئىجتىمائىي كەسپىي تېخنىكومى | UyghurWiki | UyghurWiki