UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىرۇس مائارىپى

رۇس مائارىپى

شىنجاڭ مائارىپى مىللەتلەر مائارىپى شىنجاڭدىكى رۇس مائارىپى 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رۇسلارنىڭ شىنجاڭغا كۆپلەپ كۆچۈپ كىرىشى بىلەن پەيدا بولغان. 20 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرى رۇسلار مائارىپى ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئېتىبار بېرىشكە ئېرىشتى. 1943 - يىلى رۇسلارنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار سانى 3862 نەپەرگە يەتكەن، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن رۇسلارنىڭ مائارىپى تېز تەرەققىياتقا ئېرىشكەن. ئەمما نوپۇسنىڭ ئازلاپ كېتىش ئامىلى سەۋەبىدىن مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار سانى ئازىيىشقا باشلىغان. 1999 - يىلى رۇسلار مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار سانى بالىلار باغچىسىدا 175 نەپەرگە، باشلانغۇچ مەكتەپتە 723 نەپەرگە، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە 437 نەپەرگە، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە 267 نەپەرگە، ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپتە 59 نەپەرگە، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپتە 49 نەپەرگە يەتكەن، رۇس ئوقۇتقۇچىلىرى سانى بالىلار باغچىسىدا 12 نەپەرگە، باشلانغۇچ مەكتەپتە 78 نەپەرگە، ئادەتتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە 29 نەپەرگە، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە 14 نەپەرگە، ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپتە تۆت كىشىگە، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپتە 16 نەپەرگە يەتكەن. 1999 - يىلى رۇسلارنىڭ ھەر 10 مىڭ نوپۇسى ئىچىدە مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار سانى باشلانغۇچ مەكتەپتە 77 نەپەرگە، ئادەتتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە 470 نەپەرگە، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە 287 نەپەرگە، ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپتە 63 نەپەرگە، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپتە 53 نەپەرگە يەتكەن.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
رۇس مائارىپى | UyghurWiki | UyghurWiki