UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىفۇكاڭ شەھەرلىك كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكومى

فۇكاڭ شەھەرلىك كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكومى

شىنجاڭ مائارىپى كەسپىي مائارىپ دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق كەسپىي مەكتىپى. مىللىي، خەنزۇ ئارىلاش مەكتەپ. خەنزۇ، قازاق تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدۇ. 1976 - يىلى قۇرۇلۇشنى باشلىغان. 1999 - يىلى فۇكاڭ شەھەرلىك چوڭلار كەسپىي مائارىپ مەركىزى قىلىپ ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغان. كەسپىي تېخنىكوم قىسمى ۋە چوڭلار تېخنىكوم قىسمى تەسىس قىلىنغان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 137340 كۋدرات مېتىر. قۇرۇلۇش كۆلىمى 20595 كۋادرات مېتىر. مەكتەپتە كومپيۇتېر قوللىنىش، بوغالتىرلىقنى كومپيۇتېرلاشتۇرۇش، مۇزىكا، ماشىنا ھەيدەش ۋە رېمونت قىلىش، ئېلېكترون تېخنىكىسى ۋە مانتيورلۇق، كىيىم - كېچەك لايىھىلەش ۋە تىكىش، كومپيۇتېر گۈزەل - سەنئىتى، يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىنى باشقۇرۇش، قانۇن قاتارلىق كەسىپلەر تەسىس قىلىنغان. 1999 - يىلدىكى ئوقۇغۇچىلرنىڭ سانى 1280 - نەپەر. ئىشچى - خىزمەتچى 150 نەپەر.ئوقۇتقۇچى 106 نەپەر. يۇقىرى دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى 58 نەپەر. 20 يىلدىن بۇيان 8000 نەپەردىن ئارتۇق ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى تەربىيىلەپ چىققان. 160 قاراردىن ئارتۇق قىسقا مۇددەتلىك تەربىيىلەش سىنىپلىرىنى ئېچىپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى تەربىيىلىگەن.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى