UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىقەشقەر يېزا ئىگىلىك ماشىنىلاشتۇرۇش مەكتىپى

قەشقەر يېزا ئىگىلىك ماشىنىلاشتۇرۇش مەكتىپى

شىنجاڭ مائارىپى كەسپىي مائارىپ بۇرۇنقى نامى <قەشقەر يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇش مەكتىپى> ئىدى. 1966 - يىلى 10 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى كونا شەھەر ناھىيىسىدە قۇرۇلغان. 1966 - يىلدىن 1975 - يىلغىچە مەكتەپ ئالتە قېتىم كۆچكەن. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىدە، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش تەرىپى بۇزۇلغان. 1976 - يىلى قەشقەر يېزا ئىگىلىك مەكتىپى، شىخەنزە يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى بىلەن بىرلىشىپ، قەشقەريېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى بولۇپ قۇرۇلغان. 1978 ـ يىلى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەكتىپى ھازىرقى ئورنىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. ئىگىلىگەن يەر مەيدانى 34432 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 9142 كۋادرات مېتىر. مەزكۇر مەكتەپ ئاپتونوم رايون بويىچە ئۈچ نۇقتىلىق يېزا ئىگىلىكنى ماشىنىلاشتۇرۇش مەكتەپلىرىنىڭ بىرسى. قەشقەر ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسىغا ۋە ۋىلايەتلىك مائارىپ باشقارمىسىغا قارايدۇ. ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ئىككى خىل تىلنى ئاساس قىلىپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدۇ. مەكتەپتە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى نازارەت قىلىش، يېزا ئىگىلىكنى ماشىنىلاشتۇرۇش، پاختا پىششىقلاپ ئىشلەش، يېزا كارخانىلىرىنى باشقۇرۇش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بوغالتىرلىقى، ماشىنىسازلىق قاتارلىق توققۇز كەسىپ ئېچىلغان. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، پراكتىكا زاۋۇتى ۋە مانتيولۇق، مېتالچىلىق، تراكتور - ماشىنا تەجرىبىخانىسى قاتارلىق كەسپىي تەجرىبىخانا قۇرۇلغان، كۇتۇپخانىدا 32300 پارچە كىتاب ساقلانغان. 1991 - يىلى مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىكنى ماشىنىلاشتۇرۇش ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى باھالاشتا لاياقەتلىك مەكتەپ بولۇپ باھالانغان. 1994 - يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر ئوقۇتۇش شارائىتىنى باھالاشتا لاياقەتلىك مەكتەپ بولۇپ باھالانغان. مەكتەپ شتاتى 133. 1999 - يىلى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچى سانى 69 نەپەر (ئالىي دەرىجىلىك لېكتور توققۇز نەپەر، لېكتور 35 نەپەر)، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 1054 نەپەر. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان جەمئىي 3700 نەپەر ئوقۇغۇچى تەربىيىلىگەن.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
قەشقەر يېزا ئىگىلىك ماشىنىلاشتۇرۇش مەكتىپى | UyghurWiki | UyghurWiki