ئاسپىرات مائارىپى
شىنجاڭ مائارىپى
ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى
ئاسپىرانت بولسا ئالىي مەكتەپ ۋە ئىنستىتۇنىڭ ئاسپىرانتلار بۆلۈمى ياكى تەتقىقات ئاپپاراتلىرىدا ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات
ئېلىپ بارىدىغان ئوقۇغۇچىنى كۆرسىتىدۇ. جۇڭگودا ئاسپىرانتلار ئالىي مەكتەپ ياكى ئىنستىتۇتنىڭ تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەن ياكى تەڭ
دەرىجىدىكى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ئىمتىھان ئېلىش ئارقىلىق قوبۇل قىلىنىدۇ. ئاسپرانتلار دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئېلىش
ئۈچۈن ئوقۇيدىغان ۋە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇيدىغان دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ، ئوقۇش يىل ئادەتتە ئۈچ يىل بولىدۇ.
ئاسپىرانتلار ئاپپاراتلىرى ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملارنى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ياكى باشقا ئالىي دەرىجىدىكى
ئىختىساسلىق خادىملارنى تەربىيلەيدۇ، يەنە بەزىلىرى خىزمەتتىكى ماگىستىر ئاسپىرانتلار ۋە خىزمەتتىكى دوكتور ئاسپىرانتلارنى تەربىيلەيدۇ.
1999 - يىلى رايونىمىزدا ئاسپىرانتلىق مائارىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان يەتتە مەكتەپ ۋە بىر تەتقىقات ئاپپاراتى بار بولۇپ، 107 ئاسپىرانتلىق
نۇقتىسى، بەش دوكتورلۇق نۇقتىسى بارلىققا كەلگەن. مەكتەپتىكى ماگىستىر، ئاسپرانتلار سانى 747 نەپەر، دوكتور ئاسپىرانتلار 18 نەپەر بولغان.