رۇس تىلى سىياسىي - قانۇن مەخسۇس مەكتىپى
شىنجاڭ مائارىپى
مائارىپ تارىخى
- يىلى كۈزدە ياڭ زېڭشېن ئۈرۈمچىدە قۇرغان تۇنجى سىنىپقا ئۆلكىلىك ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تۇنجى قارار ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچلىرى ئىچىدىن 31 نەپەر ئوقۇغۇچىنى تاللىغان. 1926 - يىلى 13 نەپەر تەييارلىق سىنىپ ئوقۇغۇچىسى قوبۇل قىلغان. مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى ليۇۋېنلۇڭ قوشۇمچە مەكتەپ مۇدىرلىق ۋەزىپىسنى ئۆتىگەن. رۇس تىلى، جىنايى ئىشلار جازا قانۇنى، ئاساسىي قانۇن، خەلقئارا قانۇن، دۇنيا تىلى قاتارلىق دەرسلەر تەسس قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە رۇس تىلى بىلەن قانۇن دەرسلىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ زۆرۈر ئوقۇشلۇقى بولغان. ئوقۇغۇچىلاردىن ياتاق، كىتاپ - ماتېرىيال ۋە قىشلىق ئىسسىنىش پۇلى ئېلىنمىغان. ئۇلار ھەر ئايدا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تارقىتىلغان 12 سەر ئۆلكە پۇلىدىن بەھرىمەن بولغان. مەكتەپنىڭ خىراجىتى يەر ئىجارىسى ئېلىنغان پۇللاردىن ئاجرىتىپ بېرىلگەن.
1931 - يىلى 1 - ئايدا <شىنجاڭ رۇس تىلى سىياسىي - قانۇن ئىنستىتۇتى> ئىجارىسى ئۆزگەرتىلگەن.