UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىشىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى

شىنجاڭ مائارىپى ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى روسچە سىياسىي قانۇن ئىنستىتۇتى ئاساسىدا قۇرۇلغان. مەكتەپ ئادرېسى دىخۇا شىمالىي تۆپىلىكتىكى بىلىم يۇرتى كوچىسىدا ئىدى. ئىنستىتۇت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە قانۇن ۋە ئىقتىسادتىن ئىبارەت ئىككى فاكولتېت ۋە باج مەخسۇس كۇرسى كەسپى تەسىس قىلىنغان، خېيۇجۇ ئىنستىتۇت باشلىقى بولغان. 1935 - يىلى 11 ـ ئايدا كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى يۇشيۇسۇڭ شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقلىقىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئېلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، <مىللەتنى تۈس، ماركسىزم - لېنىنزمنى مەزمون> قىلغان ئوقۇتۇش فاڭجېنىنى تۈزۈپ چىقتى. 1936 - يىلى مائارىپ فاكۇلتېتى تەسىس قىلىندى. 1937 - يىلى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تەسىس قىلىندى. 1938 - يىلى 4 - ئايدا لىن جىلو مەكتەپنىڭ ئىلمىي مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ <ياپونغا قارشى بىرلەشمە ئۇنىۋېرسىتېت> روھىنى تەشەببۇس قىلدى. مەكتەپ <2 - ياپونغا قارشى بىرلەشمە ئۇنىۋېرسىتېت> دەپ تەرىپلەندى. 1938 - يىلدىن كېيىن، دۇچۇڭيۈەن، ساكۇڭلياۋ، جاڭ جۇڭشى، ماۋدۇن، جاۋدەن قاتارلىق بىر تۈركۈم مائارىپچى، سەنئەتچىلەر ۋە ئىلغار زاتلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مەكتەپتە ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى. شۇ يىلى سانائەت فاكۇلتېتى تەسىس قىلىندى. 1939 - يىلى كۈزدە ئىنستىتۇت جەنۇبىي تۆپىلىكتىكى 4 - دىۋىزىيىنىڭ گازارمىسىغا كۆچۈرۈلدى. 1940 - يىلى 12 - ئايدا شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئالىي يېزا ئىگىلىك مەكتىپى شىنجاڭ ئىنستىتۇتىغا قوشۇلۇپ يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق، مال دوختۇرلۇق ۋە سۇچىلىق كەسىپلىرى تەسىس قىلىندى. شۇ يىلى مەكتەپ ئۆلكىلىك دارىلمۇئەلىمىننىڭ كونا ئورنىغا كۆچۈرۈلۈپ، ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە ئەسلىدىك ئورنىغا كۆچۈرۈلدى. 1942 - يىلى شىڭ شىسەي شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، 1944 - يىلى ئايرىلدى. بۇ ئارىلىقتا كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ۋە ۋەتەن سۆيەر ئىلغار زاتلار كۆپلەپ تۇتقۇن قىلىندى ۋە ئۆلتۈرۈلدى. 1945 - يىلى شىنجاڭ قىزلار ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي مەكتەپ قىسمى شىنجاڭ ئىنستىتۇتىغا قوشۇۋېتىلدى. 1947 - يىلى 4 - ئايدا بۇرھان ئىنستىتۇت باشلىقى بولدى. شۇ ۋاقىتتا ئىنستىتۇتتا مائارىپ، بىناكارلىق، جۇڭگو ئەدەبىياتى قاتارلىق كەسىپلەردىن پەقەت 20 نەچچە نەپەر ئوقۇغۇچى قالغان ئىدى. 1948 - يىلى 8 - ئايدا سىياسىي قانۇن فاكۇلتېتى قانۇن فاكولتېتىغا، ئەدەبىيات فاكۇلتېتى بولسا ئەدەبىيات - تارىخ فاكولتېتىغا ئۆزگەرتىلدى. بىناكارلىق فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلماي، سۇچىلىق فاكۇلتېتى تەسىس قىلدى. 1950 - يىلى 5 - ئايدا شىنجاڭ ئەدەبىيات مەكتىپى شىنجاڭ ئىنستىتۇتىغا قوشۇۋېتىلدى. شۇ يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى شىنجاڭ ئىنستىتۇتى شىنجاڭ مىللەتلەر ئىنستىتۇتىغا ئۆزگەرتىلىپ، يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، تېببىي دورا، قانۇن، مائارىپ قاتارلىق بەش فاكۇلتېت تەسىس قىلىندى. 1954 - يىلى ئەسلىدىكى نامى ئىشلىتىلدى. 1955 - يىلى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن شىنجاڭ ئىنستىتۇتى ئاساسىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلدى. 1960 - يىلى 10 - ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى رەسمىي قۇرۇلۇپ، ئىجتىمائىي، تەبىئىي، سانائەتتىن ئىبارەت ئۈچ خىل پەن بويىچە ئەدەبىيات، تارىخ، جۇغراپىيە، فىزىمات، بىئوخىمىيە، ماشىنىسازلىق، ئېلېكترون، خىمىيە سانائىتى، قۇرۇلۇش قاتارلىق سەككىز فاكولتېت، 15 كەسىپ تەسىس قىلىندى. 1978 - يىلى مەملىكەتلك نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپ دەپ بېكىتىلدى. 1997 - يىلى 11 - ئايدا 21 - ئەسىرنىڭ مۇھىم قۇرۇلۇشى بولغان يۈز ئالىي مەكتەپ قاتارىغا كىردى. مەكتەپنىڭ يەر كۆلىمى 731123 كۋادرات مېتىر، مەكتەپ قۇرۇلۇشى كۆلىمى 227730 كۋادرات مېتىر، كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان كىتاب - ماتېرىيال 1070000 خىلدىن ئارتۇق، 76 تەجرىبىخانا بار. مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇش مۇددىتى تۆت يىل. خەنزۇ تىلى، ئۇيغۇر تىلىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان كۆپ مىللەتلىك، كۆپ كەسىپلىك ئۇنىۋېرسال ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ. 1999 - يىلى ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن، سانائەت، قانۇن، ئىقتىساد، باشقۇرۇشتىن ئىبارەت ئالتە پەن 12 فاكۇلتېت ھەم سىياسىي قانۇن ئىنستىتۇتى، چوڭلار مائارىپى ئىنستىتۇتى ۋە كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى تەسىس قىلىنغان. جەمئىي 34 تولۇق كۇرس كەسپىي ۋە 50 مەخسۇس كۇرس كەسپىي تەسىس قىلغان. 34 تولۇق كۇرس كەسپىنىڭ ھەممىسى باكلاۋىرلىق ئۇنۋانى بېرىش سالاھىيىتىگە ئىگە. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ماركسىزم - لېنىنزم ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمى، ئالىي مەكتەپ خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمى، تەنتەربىيە ئوقۇتۇش بۆلۈمى، چەت ئەل تىلى ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمى، سەنئەت ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى ۋە فىزىكا، خىمىيە سىناق مەركىزى، كومپيۇتېر مەركىزى، ئېلىكترلەشكەن ئوقۇتۇش مەركىزى قاتارلىقلار تەسىس قىلىندى. مەكتەپتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - ئەدەبىياتى، قوللىنىشچان ماتېماتىكا، فىزىكىلىق خىمىيە قاتارلىق ئۈچ پەن ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق پەن ھېسابلىنىدۇ. ماركسىزم - لېنىنزم پەلسەپىسى، سىياسىي - ئىقتىساد ئىلمىي، نوپۇس، بايلىق ۋە مۇھىت ئېكىنۇمىكىسى ئىلمىي، سوتسىيالىزم ۋە ئىنترناتسىئونالىزم ھەرىكىتى، ماركسىزم - لېنىنزم مىللەتلەر نەزەرىيىسى ۋە سىياسىتى، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىلمىي، تىل ئىلمىي ۋە قوللىنىشچان تىل ئىلمىي، مەخسۇس تارىخ، جۇڭگو يېقىنقى زامان تارىخى، تارىخىي ھۆججەت ئىلمى، ئورگانىك خىمىيە، تەبىئىي جۇغراپىيە ئىلم، خەرىتە ئىلمى ۋە جۇغراپىيىلىك ئۇچۇر سىستېمىسى، بوتانىكا، زوئولوگىيە، قوللىنىشچان خىمىيە، ماتېرىيال فىزىكىسى ۋە خىمىيىسى، مۇھىت ئىلمى، ئالاقە ۋە ئۇچۇر سىستېمىسى، كومپيۇتېر قوللىنىش تېخنىكىسى قاتارلىقلاردا 27 ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋان نۇقتىسى بار. ئاز سانلىق مىللەت تىل - ئەدەبىياتى ۋە قوللىنىشچان ماتېماتىكىدىن ئىبارەت ئىككى دوكتورلۇق مەركىزى بار. مەكتەپتە، ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ۋە مەدەنىيىتى، نوپۇس، ماتېماتىكىلىق فىزىكا، قورغاق رايون ئېكولوگىيىسى، ئالتاي ئىلمىي، ئىقتىساد، قوللىنىشچان خىمىيە قاتارلىق يەتتە تەتقىقات ئورنى ۋە فۇنكىسىيىلىك ماتېرىيال. دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى، ئاياللار مەسىلىسى قاتارلىق ئۈچ تەتقىقات مەركىزى بار. ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتىدە يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئاساسىي يۆنىلىش قىلىنىپ، ئۇل تەتقىقات ۋە قوللىنىشچان تەتقىقات سەۋىيىسى كۈنسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدىكى كۆپ مىللەت تىل يېزىقى ئۇچۇرلىرىنى كومپيۇتېردا ئۇنىۋېرسال بىر تەرەپ قىلىپ تېخنىكىسى 1993 - يىلى مەملىكەت پەن - تېخنىكا تەرەققىيتى بويىچە 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن پەن تەتقىقات تۈرلىرى دۆلەتلىك ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن ھەمدە دۆلەت ئىچى ۋە ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدىكى تېخنىكا بوشلۇقىنى تولدۇرغان. 1997 - يىلى نەشىردىن چىققان ئەسەر 28، ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالە 1078 پارچە. مەكتەپنىڭ ئىلمىي تەتقىقات تۈرىدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك مۇكاپاتى 43 تۈرگە يېتىدۇ. مەكتەپ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتى بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇپ، چەت ئەللەرگە ئىلمىي ئۇنۋان ئېلىشقا ئوقۇغۇچى چىقاردى ۋە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى ئۇزۇن - قىسقا مۇددەتلىك قوبۇل قىلدى. 1985 - يىلدىن كېيىن مەكتەپ ئوقۇتۇشتا چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنى دەرس سۆزلەش، لىكسىيە سۆزلەش، زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىشقا باشلىدى ھەمدە ئامېرىكا، روسىيە، قازاقىستان قاتارلىق چەت ئەللەردىكى ئالىي مەكتەپلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتتى، دۆلەت سىرتىدىكى 10 نەچچە ئالىي مەكتەپ، تەتقىقات مەركىزى بىلەن ھەر خىل ئىلمىي ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇش مۇناسىۋىتى ئورناتتى. مەكتەپ شىتاتى 2904. 1999 - يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى 1281 نەپەر (پروفېسسور 72 نەپەر، دوتسىنت 369 نەپەر، لىكتور 535 نەپەر، قوشۇمچە خادىملار ئىچىدىكى مۇئاۋىن ئالىي ئۇنۋانى بارلار 56 نەپەر، دوكتور يېتەكچىسى ئىككى نەپەر، مەملىكەتلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس 13 نەپەر، ماگىستىر يېتەكچىسى 63 نەپەر، ئوقۇغۇچى سانى 8545 نەپەر. مەكتەپ ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبيەت يولى 14 - نومۇر.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى