ئىلى مال دوختۇرلۇق مەكتىپى
شىنجاڭ مائارىپى
كەسپىي مائارىپ
غۇلجا شەھىرىگە جايلاشقان. خەنزۇ تىلى، قازاق تىلى، ئۇيغۇر تىلىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل تىلدا ئوقۇتۇش
ئېلىپ بارىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ. دۆلەتلىك نۇقتىلىق ئوتتۇرا تېخنىكوم. 1956 - يىلى قۇرۇلغان. ئەينى چاغدىكى مەكتەپ نامى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مال دوختۇرلۇق ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېخنىك مەكتىپى بولۇپ، 1957 - يىلى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مال دوختۇرلۇق مەكتىپىگە ئۆزگەرتىلگەن. 1960 - يىلى ئىلى يېزا ئىگىلىكنى ماشىنىلاشتۇرۇش تەربىيىلەش سىنىپى ۋە باغۋەنچىلىك مەكتىپى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن ھەمدە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىك مەكتىپى دەپ ئاتالغان. كېيىنكى يىلى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، باغۋەنچىلىكتىن ئىبارەت ئىككى خىل كەسىپ ئايرىلىپ چىقىپ، مال دوختۇرلۇق مەكتىپى دېگەن نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1962 - يىلى
قايتىدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مال دوختۇرلۇق مەكتىپى دەپ بېكىتىلگەن. ھازىرقى ئىگىلىگەن كۆلىمى 382000 كۋادرات مېتىر. مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 28932 كۋادرات مېتىر. چارۋىچىلىق، مال دوختۇرلۇق، ئوتلاقچىلىق، چارۋىچىلىقنى باشقۇرۇش، يەم - خەشەك ئىشلەپچىقىرىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش، ئىقتىسادىي چارۋىلارنى كۆپەيتىش قاتارلىق توققۇز كەسىپ تەسىس قىلىنغان. مەكتەپ 20 تەجرىبە مەشغۇلات ئىشخانىسى، ئۈچ مەكتەپ سىرتىدىكى پراكتىكا بازىسىغا ئىگە بولۇپ، ساقلىنىۋاتقان كىتاب 40000 دىن ئاشىدۇ. مەكتەپ ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى ۋە ھەرخىل تەتقىقات پائالىيەتلىرىنى ئاكتىپ ھالدا قانات يايدۇرۇپ، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر، قازاق يېزىقىدىكى ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئەسەرلىرىنى نەشر قىلدۇرغان يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپ خىل ئوقۇتۇش، تەتقىقات نەتىجىلىرى، دۆلەت، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكى ۋە ئاپتونوم رايونلاردا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 1994 - يىلى يېزا ئىگىىك مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن ب د ت ئاشلىق مەھكىمىسى ياردەم بېرىدىغان مەكتەپلەرنىڭ بىرى دەپ بېكىتىلگەن.1999 - يىلى خەنزۇ، قازاق، ئۇيغۇر، موڭغۇل، خۇيزۇ قاتارلىق 13 مىللەتتىن تەشكىل تاپقان ئوقۇغۇچى 900 نەپەردىن ئېشىپ، ئىشچى - خىزمەتچى 176
نەپەرگە يەتكەن.