UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىتۇرپان ۋىلايەتلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپ

تۇرپان ۋىلايەتلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپ

شىنجاڭ مائارىپى ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى - يىلى تۇرپان ناھىيىلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ ئاساسىدا قۇرۇلغان. 1956 - يىلى 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ ئۈرۈمچى قارمىقىغا ئۆتكەن ھەم بىر خەنزۇ تولۇقسىز سىنىپىنى كۆپەيتىپ مىللىي، خەنزۇ ئارىلاشقان تولۇقسىز ئوتتۇرا بولۇپ قۇرۇلغان. 1957 - يىلى 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ تورپان ناھىيىسىنىڭ قارمىقىغا ئۆتۈپ، يەنە بىر خەنزۇ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى كۆپەيتىپ مىللىي، خەنزۇ ئارىلاش مۇكەممەل ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ قۇرۇلغان. 1974 - يىلى تۇرپان ناھىيىلىك 1 - ئوتتۇرىنىڭ خەنزۇ تىلى سىنىپى ئايرىلىپ چىقىپ، تۇرپان ناھىيىلك 2 - ئوتتۇرا قۇرۇلغان. 1971 - يىلى 2 - ئوتتۇرا تورپان ۋىلايىتىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتۈپ، تۇرپان ۋىلايەتلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1986 - يىلى تۇرپان ۋىلايەتلىك 2 - ئوتتۇرا تۇرپان شەھىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ، تۇرپان ۋىلايەتلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپ قىلىپ بېكىتىلگەن. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 38000 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش رايونى كۆلىمى 11554 كۋادرات مېتىر. بۇ مەكتەپ تۇرپان ۋىلايىتىدىكى بىردىنبىر خەنزۇ، خۇيزۇ مۇكەممەل ئوتتۇرا مەكتىپى. ئوقۇتۇشتا خەنزۇ تىل قوللىنىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ مىللىي قوش تىللىق تەجرىبە سىنىپى بار بولۇپ، سىياسەت، ئەدەبىياتنى ئۇيغۇرچە سۆزلىگەندىن باشقا بارلىق پەنلەرنى خەنزۇ تىلىدا سۆزلەيدۇ. 1999 - يىلدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچى سانى 86 نەپەر، ئوقۇتۇش سىنىپى 27، ئوقۇغۇچى سانى 1320 نەپەر.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى