UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىشىنجاڭ ئىنستىتۇتى تەشكىلاتىنڭ پروگرامما لايھىسى

شىنجاڭ ئىنستىتۇتى تەشكىلاتىنڭ پروگرامما لايھىسى

شىنجاڭ مائارىپى مائارىپ سىياسىتى ۋە قانۇن - نىزاملىرى - يىلى 9 - ئايدا ئېلان قىلىنغان. پروگرامما شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش تۈپ مەقسىتى، مەكتەپ مەمۇرىي سېستىمىسىغا قارىتا كونكرېت بەلگىلىمىلىرىنى تۈزگەن. پروگراممىنىڭ بىرىنچى بەلگىلىمىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: <ئىنستىتۇت ئالتە بۈيۈك سىياسەتكە ئاساسەن، مەخسۇس پەن - تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىش، ساغلام پەزىلەت تاۋلاپ چىقىش، ئەمەلىي ئىقتىدار مەشق قىلدۇرۇش، قۇرۇلۇش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى تۈپ مەقسەت قىلىدۇ. بۇ باش فاڭجېننىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىنستىتۇت باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ، ئىنستىتۇت باشلىقى ئاستىدا ئىلمىي باشقارما تەسىس قىلىپ، بۇنىڭغا بىر باشقارما باشلىقى مەسئۇل بولىدۇ. بۇ ئادەم ئوقۇغۇچىلارنى رويخەتكە ئېلىش، دەرسلىك تۈزۈش ۋە تەھرىرلەش كونسىپىكىنى بېسىپ تارقىتىش، ئىمتىھان ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇش قاتارلىقلارنى ئىشلەيدۇ. تەرتىپ - تەربىيە باشقارمىسى تەسىس قىلىپ، بىر ئادەم مەسئۇل قىلىنىدۇ. بۇ ئادەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنتىزامى، دەرستىن - سىرتقى خىزمەت، ئوقۇغۇچىلار تەشكىلى، ئوقۇغۇچىلار تۇرمۇشى قاتارلىقلارغا يېتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. خوجىلىق بۆلۈمى تەسىس قىلىپ، بىر ئادەم مەسئۇل قىلىنىدۇ>، بۇ ئادەم يىغىلغان ماتېرىيال ۋە ھۆججەتلەرنى ساقلاش، كاسسىر ۋە بۇغالتىرلىق ھەمدە خام چوت، قۇرۇلۇش لايىھىلەش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇھىم مەسىلىلەردە قارار چىقارغان چاغدا ئەھۋالغا قارىلىدۇ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىنستىتۇت ئىشلىرى يىغىنى، ئوقۇتۇش ئىشلىرى يىغىنى، تەرتىپ - تەربىيە ئىشلىرى يىغىنى قاتارلىقلارنىڭ مۇنازىرىسىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئىنستىتۇتنىڭ ئاستىدا تۆت فاكۇلتېت بىر بۆلۈم تەسىس قىلىنىدۇ، يەنى سىياسىي ئىقتىساد فاكولتېتى، مائارىپ فاكولتېتى، ئەدەبىيات فاكولتېتى، قۇرۇلۇش فاكولتېتى ۋە ئالىي دەرىجىلىك ئوتتۇرا مەكتەپ بۆلۈمى بولۇپ، ئۇلارغا ئايرىم - ئايرىم ھالدا فاكۇلتېت مۇدىرى ياكى مەكتەپ مۇدىرى قاتارلىق بىردىن ئادەم بېكىتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى