شىنجاڭ موڭغۇل پېداگوگىكا مەكتىپى
شىنجاڭ مائارىپى
پېداگوگىكا مائارىپى
ئۈرۈمچى شەھىرى بايىنغۇلىن يولى 14 - نومۇرغا جايلاشقان. موڭغۇل تىلىدا دەرس ئۆتىلىدىغان
ئوتتۇرا دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەكتىپى بولۇپ، ئوقۇش مۇددىتى تۆت يىل. بۇ مەكتەپ 1953 - يىلى 9 - ئايدا ئەسلىدىكى مىللىي قىزلار ئوتتۇرا
مەكتىپىنىڭ ئورنىغا قۇرۇلغان. 1986 - يىلى ئۈرۈمچى بىرىنچى پېداگوگىكا مەكتىپى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن. 1960 - يىلى تاقالغان. 1981 - يىلى
ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ قايتىدىن قۇرۇلغان. مەكتەپنىڭ يەر كۆلىمى 22326 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 15421كۋادرات مېتىر، كۇتۇپخانىدىكى
كىتاب سانى 30 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق. مەكتەپتە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچىلىق، مۇزىكا، گۈزەل - سەنئەت، تەنتەربىيە، خەنزۇ
تىلى، تەرجىمانلىق، ئىنگىلز تىلى، تەجرىبە مانتيورلىقى قاتارلىق كەسىپلەر ئېچىلغان. 1999 - يىلى مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى سانى 398 نەپەر،
ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر سانى 76 نەپەر، كەسپىي ئوقۇتقۇچى سانى 42 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي نەپەر ئالىي لېكتور بار، مەكتەپ
قايتا قۇرۇلغاندىن بۇيان 2037 نەپەر موڭغۇل ئوقۇغۇچىنى تەربىيىلىگەن.