UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى

ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى

شىنجاڭ مائارىپى ئىدىيىۋى سىياسىي تەربىيە بۇ خەلققە قارىتا دۆلەت تارىخى ھەمدە مەدەنيەت ئەنئەنىسى، دۆلەت قارىشى، دۆلەت ئەھۋالى، دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئەخلاقى تەربىيىنڭ مۇھىم تەركىبى قىسمىدۇر. ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەردە دۆلەتنىڭ خاراكتېرى، تارىخىي شەرت - شارائىتى ۋە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى سىنىپنىڭ مەقسىتى ۋە تەلىپىمۇ ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىنىڭ خاراكتېرى ۋە مەزمونىدىمۇ چوڭ پەرق بولىدۇ. بۇرژۇئازىيە سىنىپىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى بولىدۇ، سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرنىڭمۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربيىسى بولىدۇ. يەنە يېڭدىن گۈللەنگەن مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭمۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى بولىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى دۆلىتىمىز ئېلان قىلغان <ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىنى ئېلىپ بېرىش پروگراممىسى> دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلىنىدۇ. ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپى بولسا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم قۇرۇش نەزەرىيىسى ۋە پارتىيىنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىنى يېتەكچى قىلىشى، چوقۇم سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇشى، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇش، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىناۋىتى، ئىززەت - ھۆرمىتى، ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشقا پايدىلىق بولۇشى ھەمدە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشلىرىغا پايدىلىق بولۇشى زۆرۈر. ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشنىڭ مەقسىتى مىللەت روھىنى جانلاندۇرۇش، مىلللەتلەرنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى كۈچەيتىش، غۇرۇر ۋە ئىپتىخارلىنىش ھېسسىياتىنى تۇرغۇزۇپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش، تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئورتاق غايە ئۈچۈن ئىتتىپاقىلىشىپ كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت. ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىدە قۇرۇلۇش فاڭجېنىغا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىنىڭ نەزەرىيە قۇرۇلۇشى، ئوقۇتۇش ماتېرىيالى قۇرۇلۇشى، تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە ئۇل قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاش زۆرۈر. ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرگىزمۇ تار مىللەتچىلىك ئەمەس، شۇڭا ئۇ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر نەتىجىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە جارى قىلدۇرۇش ئاساسىدا، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ياراتقان بارلىق مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى ئۆگىنىش ۋە قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت. ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى چوقۇم دەۋرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشى زۆرۈر. يېڭى دەردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ تېمىسى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم قۇرۇشتىن ئىبارەت. ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىنىڭ ئاساسىي مەزمونى: جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇزاق تارىخى توغرىسىدا تەربىيە ئېلىپ بېرىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل مەدەنىيەت ئۆرپ - ئادىتى تەربىيىسىنى ئېلىپ بېرىش، پارتىيىنىڭ ئاساسىي لۇشيەنى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش، قۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى توغرىسىدا تەربىيە ئېلىپ بېرىش، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالى تەربىيىسىنى ئېلىپ بېرىش، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە ۋە قانۇن - تۈزۈم تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش، <تىنچىلىق بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈش، بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم قوللىنىش> فاڭجېنى تەربىيىسىنى ئېلىپ بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ئومۇمىي خەلق تەربىيىسى بولۇپ، ئاساسلىق ئوبيېكتى كەڭ ياش - ئۆسمۈرلەر. مەكتەپ كەڭ ياش - ئۆسمۈرلەرگە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ئېلىپ بارىدىغان مۇھىم ئورۇن بولۇپ، دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىن ئىبارەت ئاساسلىق ۋاسىتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم. ھەردەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى بولسا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىنى ياخشى ئېلىپ بېرىشنىڭ باشلامچىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى