UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىقەشقەر چوڭلار مائارىپى ئىنستىتۇتى

قەشقەر چوڭلار مائارىپى ئىنستىتۇتى

شىنجاڭ مائارىپى چوڭلار مائارىپى ئەسلىدىكى نامى قەشقەر مائارىپ ئىنستىتۇتى، قەشقەر تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، قەشقەر چوڭلار ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتىپى قاتارلىقلار. سابىق قەشقەر چوڭلار ئوتتۇرا تېخنىكومى 1987 - يىلى قۇرۇلغان. ئەسلى ئاساسى 1956 - يىلى قۇرۇلغان قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئىشتىن سىرت مەكتىپى. سابىق قەشقەر مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ ئەسلى ئاساسى 1980 - يىلى قۇرۇلغان ۋىلايەتلىك سىرتتىن ئوقۇتۇش پېداگوگىكا مەكتىپى، 1973 - يىلى قايتىدىن ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش ئورگىنى بولۇپ قۇرۇلۇپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى بىلىم ئاشۇرۇش بۆلۈمى دەپ ئاتالغان. 1990 - يىلى سابىق قەشقەر ۋىلايەلتىك ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى بىلىم ئاشۇرۇش بۆلۈمىنىڭ ئاساسىدا قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش ئىنستىتۇتى بولۇپ قۇرۇلغان، 1984 - يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ تەستىقلىشى ۋە ئەنگە ئېلىش بىلەن قەشقەر مائارىپ ئىنستىتۇتى دەپ ئاتالغان. ئاساسەن مىللىي، خەنزۇ ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا قارىتا ئوقۇش تارىخى بويىچە بىلىم ئاشۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. سابىق قەشقەر تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاساسى 1982 - يىلى قۇرۇلغان شىنجاڭ رادىئو - تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى قەشقەر شۆبە مەكتىپى. 1999 - يىلى 3 - ئايدا قەشقەر رادىئو - تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1997 - يىلى 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن سابىق قەشقەر مائارىپ ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ رادىئو - تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى قەشقەر شۆبىسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك چوڭلار ئوتتۇرا تېخنىكومى بىرلەشتۈرۈلۈپ، قەشقەر چوڭلار مائارىپ ئىنستىتۇتى قىلىپ قۇرۇلغان. بۇ مەكتەپ قەشقەر ۋىلايىتىدىكى بىردىنبىر چوڭلار ئالىي تېخنىكوم ئۇنىۋېرسال مەكتىپى بولۇپ، ئوقۇتۇش خەنزۇ، ئۇيغۇر، ئىنگلىز تىللىرىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەكتەپتە كومپيۇتېر، ئۇچۇر باشقۇرۇش، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى رەسمىي كۇرس سىنىپى، ئىقتىساد قانۇنى، ئىشخانىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر تىلى قاتارلىق21 كەسىپ تەسىس قىلىنغان. 1999 - يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى 147 (دوتسېنت 15 نەپەر، لېكتور 66، ياردەمچى ئوقۇتقۇچى 66 نەپەر) نەپەر. مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 1300 نەپەر. مەكتەپ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 24208 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇش رايون قۇرۇلۇش كۆلىمى 10400 كۋادرات مېتىر.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى