UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىشىنجاڭ يېكەن كۆل ساياھەت مەكتىپى

شىنجاڭ يېكەن كۆل ساياھەت مەكتىپى

شىنجاڭ مائارىپى ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان مەكتەپلەر ئەسلى ئىسمى شىنجاڭ ساياھەت مەكتىپى، 1994 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتىنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان. 1997 - يىلى شىنجاڭ ساياھەت مەكتىپى بىلەن شىنجاڭ يېكەن كۆل كارخانا گۇرۇھى بىرلىشىپ مەكتەپ قۇرۇش كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇپ، يېكەن كۆل كارخان گورۇھى مەكتەپ بىناسى ۋە مەكتەپ ئورنىغا مەبلەغ سالغان. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق مەكتەپ نامى شىنجاڭ يېكەن كۆل ساياھەت مەكتىپىگە ئۆزگەرتىلىپ، ئاپتونوم رايونلوق مائارىپ كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە بولغان ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ كەسپىي يېتەكچلىكىنى قوبۇل قىلغان. پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەخسۇس ئوتتۇرا دەرىجىلىك ساياھەت خادىملىرىنى تەربىيىلەيدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ بولۇپ قالغان. مەكتەپ مۇدىريەت رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. ئوقۇتۇشتا خەنزۇ تىلى، ئىنگلىز تىلى، ياپون تىلى، نېمىس تىلى، فرانسۇز تىلى، رۇس تىلى قاتارلىقلار قوللىنىلغان. ئاساسلىق كەسىپلەردىن ساياھەت ئورۇنلىرىنى باشقۇرۇش، يول باشلاش، مېھمانخانا مۇلازىملىقى ۋە باشقۇرۇش قاتارلىق كەسپىلەر تەسىس قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا ساياھەت ئىختىساسلىقلار بازىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئىلگىرى - كېيىن ھۆسىن تۈزەش، ئاشپەزلىك، كۈتكۈچىلىك ۋە قائىدە يوسۇن قاتارلىق كەسپىي سىنىپلارنى تەسىس قىلغان. 2000 - يىلى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلىرى 52 نەپەرگە، ئۇنىڭ ئىچىدىكى كەسپىي ئوقۇتقۇچىلر 36 نەپەرگە، مەكتەپتىك ئوقۇغۇچىلار 610 نەپەرگە يەتكەن. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 30000 كۋادرات مېتىر. ئۇنىڭ ئىچىدە مەكتەپ قۇرۇلۇش كۆلىمى 6000 كۋادرات مېتىر بولۇپ، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى تولۇق.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى