<12.8> ئالاھىدە چوڭ ئوت ئاپىتى
شىنجاڭ مائارىپى
ئۇنىۋېرسال ئۇقۇملار
- يىلى 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق <ئىككى ئاساسەن> نى باھالاپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۆمىكى قاراماي شەھىرىگە كېلىپ باھالاپ ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتىنى ئېلىپ باردى. قاراماي شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ
ئوقۇغۇچىلىرىنى تەشكىللەپ دوستلۇق كۇلۇبىدا دوكلات ئويۇنى قويدى. قاراماي شەھىرىدىكى يەتتە ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە سەككىز باشلانغۇچ مەكتەپتىكى 15 سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىسى، قىسمەن ئوقۇتقۇچى، ئىشىچى - خىزمەتچىلەر ۋە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش گۇرۇپپىسىدىكى 25 خادىم ھەمدە يەرلىك رەھبەرلەردىن جەمئىي 796 ئادەم كۇلۇبتا پائالىيەتكە قاتناشتى. سائەت 18 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە سەھنىدىكى يەتتىنچى نومۇرلۇق چىراغ پەردىگە تېگىپ قالغانلىقتىن پەردە كۆيۈپ چوڭ ئوت ئاپىتى يۈز بەردى. كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى كۆيدى. بەزىلىرى تۇنجۇقتى، بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتى 323 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 284 نەپەر، كادىر، ئوقۇتقۇچى ھەمدە خىزمەتچى خادىم 39 نەپەر، يارىلىنىپ دوختۇرخانىدا ياتقانلار 132 نەپەر، ئاپتونوم رايوننىڭ قارامايغا بارغان <ئىككى ئاساسەن> نى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۆمىكىدىكى 25 خىزمەتچى خادىمدىن 17 سى قازا قىلدى. ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، <12.8> ئالاھىدە چوڭ ئوت ئاپىتى 1994 - يىلى دۇنيا بويىچە يۈز بەرگەن ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ ئوت ئاپىتى، شۇنداقلا دۆلەت قۇرۇلغاندىن بۇيانقى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئۆلۈش، يارىلىنىش ئادەم سانى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئوت ئاپىتى ھېسابلىنىدىكەن. 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئاپتونوم رايوندىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئورتاق تەكشۈرۈشى ئارقىلىق، <12.8> ئالاھىدە چوڭ ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىپ، مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل كىشىلەر قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلۈپ جازالاندى.
قاراماي شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تاڭ جيەن، قاراماي شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، قوشۇمچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى كۇاڭلى، نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مەدەنىيەت - سەنئەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى سۇن يۇڭ قاتارلىق 13 كىشى ئايرىم - ئايرىم ھالدا مەمۇرىي خىزمىتىدىن بىكار قىلىندى، پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى ياكى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىندى. شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، ئىدارە پارتكومىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، مۇئاۋىن شۇجىسى، قاراماي شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شې خۇڭ،
شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى نىياز ئابدۇللا، قاراماي شەھەرلىك دائىمى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ خۇا تاڭ ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، <ئىككى ئاساسەن> نى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ليۇدوڭ قاتارلىق بەش كىشىگە ئايرىم - ئايرىم ھالدا، پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، مەمۇرىي دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش، پارتىيە ئىچىدە قالدۇرۇپ سىناش قاتارلىق جازالار بېرىلدى.
