UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىغۇلجا شەھەرلىك رۇس مەكتىپى

غۇلجا شەھەرلىك رۇس مەكتىپى

شىنجاڭ مائارىپى ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى مەملىكەت بويىچە رۇس تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدىغان بىردىنبىر توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتىپى. 1985 - يىلى قۇرۇلغان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 3850 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇشتا ئىشلىتىلىدىغان يەر كۆلىمى 1200 كۋادرات مېتىر. 1996 - يىلدىن باشلاپ بۇرۇنقى چەت ئەللەرنىڭ ئوقۇتۇش تۈزۈلمە ۋە دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىشنى ئۆزگەرتىپ رۇس ۋە خەنزۇ تىلى قوش تىللىق سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىغان. ھەم شۇنىڭغا مۇۋاپىق ھەرخىل ماتېرىياللارنى تۈزۈپ تارقاتقان. 1999 - يىلدىكى ئوقۇغۇچى سانى 127 نەپەر، رەسمىي ئوقۇتقۇچى 19 نەپەر.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى