UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ خىزمىتى يىغىنى

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ خىزمىتى يىغىنى

شىنجاڭ مائارىپى ئۇنىۋېرسال ئۇقۇملار - نۆۋەتلىك 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بېرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى جەمئىي تۆت قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ خىزمىتى يىغىنى 1985- يىلى 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن 29 - كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېچىلدى. يىغىندا مەملىكەتلىك مائارىپ خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلدى. <جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدىكى قارارى> دىكى پىكىرلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش بەلگىلەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ ئېنماۋ يىغىندا سۆز قىلدى. ئىككىنچى قېتىملىق ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ خىزمىتى يىغىنى 1981 - يىلى 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 20 - كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېچىلىپ، مائارىپ كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر خې دۇڭچاڭ ھەمدە ئاپتونوم رايوننىڭ رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ ئېناۋ، سۇڭ خەن لياڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ رەئىسى تۆمۈر داۋامەت يىغىندا <مائارىپ تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مائارىپ ئىشلىرىنى ئاكتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مائارىپنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرەيلى> دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى. ۋەكىللەر خىزمەت دوكلاتى ۋە <پېداگوگىكا مائارىپىنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مەكتەپ قۇرۇش، دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش تەدبىرى>، <يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىر قەدەم مىللىي ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ 10 تەدبىرى> قاتارلىق ھۆججەتلەر ئۈستىدە مۇلاھىزە ئېلىپ باردى ۋە تۈزىتىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۈچىنچى قېتىملىق مائارىپ خىزمەت يىغىنى 1994 - يىلى 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېچىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە، ھۆكۈمەت، ھەربىي ۋە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ھەمدە ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرىدىن 300 گە يېقىن ئادەم يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندا، مەملىكەتلىك مائارىپ خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى. ھەر قايسى جايلارنىڭ مائارىپىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە تەرققىي قىلدۇرۇش تەجرىبىلىرى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ <جۇڭگونىڭ مائارىپىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش پروگراممىسى> نى ئىزچىللاشتۇرۇش پىكرى ئۈستىدە مۇلاھىزە ۋە تۈزىتىش ئېلىپ بېرىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ 2000 - يىلىغىچە بولغان مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نىشانى، ۋەزىپىسى ۋە خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى تەتقىق قىلىپ بېكىتىلىدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن كومىتېت مۇدىرى تۆمۈر داۋامەت، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ لې چۈەن، ئابلەت ئابدۇرېشىت، جانابىل قاتارلىقلار يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى. تۆتىنچى قېتىملىق ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ خىزمىتى يىغىنى 1999 - يىلى 12 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايون پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ھەمدە مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى، ھەر قايسى ئالىي مەكتەپتىكى مەسئۇل يولداشلاردىن جەمئىي 300 دىن ئارتۇق ئادەم يىغىنغا قاتناشتى. بۇيىغىن ئەسىر ئالمىشىدىغان ھالقىلىق پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن بولۇپ، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ لې چۈەن، ئابلەت ئابدۇرېشىت، قېيىم باۋۇدۇن، ۋاڭ خۇەي يۈ، جاڭ گۈي تىڭ قاتارلىقلار يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى. مۇئاۋىن رەئىس ۋاڭ خۇەي يۈ يىغىندا خىزمەت دوكلاتى بەردى. يىغىندا ]ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ <جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ساپا مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى> نى ئىزچىللاشتۇرۇش پىكىرىنى[ ئېلان قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ <قارارى> ۋە مەملىكەتلىك مائارىپ خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىش ئېلىپ بېرىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئورگانلارنى تەقدىرلەش ئېلىپ بېرىلدى. 1999 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى <ئىككى ئاساسەن> تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن ناھىيە، شەھەرلەر ھەمدە <مەمىلىكەتلىك نامرات رايونلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى قۇرۇلۇشى> سىناق نۇقتىلىرى، ئىلغار ناھىيىلىرى تەقدىرلەندى.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى