تۇرپان ۋىلايەتلىك تېببىي مەكتەپ
شىنجاڭ مائارىپى
كەسپىي مائارىپ
- يىلى 9 - ئايدا تۇرپان شەھەر يېڭى بېكەتتە قۇرۇلغان. 1981 - يىلى كومسۇمۇل بەشىنچى كەنتكە يۆتكەلگەن. 1983 - يىلى كۇرس، يېزا بازار دوختۇرخانا باشلىقلىرىنىڭ ئۆگىنىش سىنىپى ۋە يېزا كەنت دوختۇرلىرىنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپلىرى ئېچىلغان. 1987 - يىلى ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇن ھەم ۋىلايەتلىك ئامبولاتورىيىگە تەۋە تېببىي مەكتەپ قىلىپ بېكىتىلىپ، ۋىلايەتلىك تېببىي مەكتەپ شۆبە دوختۇرخانىسى دېيىلگەن. 1989 - يىلى مەكتەپ پارتىيە كومىتېتى قۇرۇلغان. 1993 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى، سەھىيە نازارىتى تەشكىللىگەن 19 تېببىي مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى باھالىشىدىن ئۆتكەن. 1998 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەتلىك ئورۇن دەپ باھالانغان. بۇ مەكتەپ دۆلەت خادىملىرىنى كومپيۇتېر بىلەن تەربىيىلەش نۇقتىسى قىلىپ بېكىتىلگەن ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە كومپيۇتېر خادىملىرىنى تەربىيىلەش سالاھىيىتىگە ئىگە ئورۇن. 1999 - يىلى 4 - ئايدا، ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلك مەكتىپى، تېخنىكا ئىشچىلار مەكتىپى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، ۋىلايەتلىك كەسپىي مائارىپ مەركىزى بولۇپ قۇرۇلغان. ئىگىلىگەن يەر مەيدانى 29470كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 2840 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇشتا خەنزۇ تىلى قوللىنىلىدۇ. دوختۇرلۇق، سىستېرالىق، تۇغۇت دوختۇرى، لابوراتورىيە، ئانا - بالىلار دوختۇرلۇقى، يېزا كەنت دوختۇرلۇقى قاتارلىق ئالتە كەسىپنى يولغا قويغان ھەمدە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بىر يىللىق ئالىي تېخنىكوم سىنىپى ئاچقان. مەكتەپ شتاتى 56. 1999 - يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى 48 نەپەر (ئالىي لىكتور بەش نەپەر، ئادەتتىكى لىكتور 19). ئوقۇغۇچى سانى 471 نەپەر. مەكتەپ قۇرۇلۇپ جەمئىي 2365 نەپەر ئوقۇغۇچى تەربىيىلىگەن ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەن.