تەييارلىق مائارىپى
شىنجاڭ مائارىپى
مىللەتلەر مائارىپى
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ قوبۇل قىلىنغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى كەسىپنى ئۆگىنىشتىن
ئىلگىرى خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش ۋە مەدەنىيەت ئاساسىي بىلىملىرىنى تولۇقلاش يۈزىسىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان تولۇقلاش
خاراكتېردىكى مائارىپىتىن ئىبارەت. 20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردە خەنزۇ تىلى
ئوقۇتۇش كافېدراسى قۇرۇلۇپ، خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش كۈچەيتىلدى. 20 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئارقا - ئارقىدىن تەييارلىق
بۆلۈمى قۇرۇلۇپ، ئاز سانلىق مىللەت يېڭى ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتا مەركەزلىك ھالدا بىر ۋە ئىككى يىللىق خەنزۇ تىلى تەربىيىسى ۋە مەدەنىيەت
ئاسالىرى دەرسلىرىنى تۇلۇقلاپ ئۆگىتىش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئاندىن ھەرقايسى فاكۇلتېتلارغا تەقسىملىنىپ كەسىپ ئۆگىنىشكە
كىرىشتۈرۈلدى. 20-ئەسىرنىڭ 80 -يىللىرىدىن كىيىن، تەييارلىق كۇرۇس مائارىپى شەكلى تەدىرىجىي مۇكەممەلىشىپ، تەييارلىق كۇرۇس ۋاختى ئۇقۇش تۈزۈمىگە كىرگۈزۈلدى. تەييارلىق كۇرسنى قوشقاندا ئاز سانلىق مىللەت تولۇق، مەخسۇس كۇرسلىرىنڭ ئوقۇش مۇددىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بەش يىل ۋە
تۆت يىل بولدى. باشقۇرۇشتا تەييارلىق كۇرس مەزگىلىدىكى مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشتىن ھەرقايسى فاكۇلتېت (بۆلۈم) ئايرىم باشقۇرۇشقا
ئۆزگەرتىلدى. مەكتەپ ئاساسىي ئوقۇتۇش باشقارمىسى ياكى خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش باشقارمىسى تەييارلىق كۇرس ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە
ئالدى. نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەر يىلى قوبۇل قىلغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى 10 مىڭدىن ئارتۇق، شۇنىڭ
ئىچىدە شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلار تەييارلىق كۇرس ئوقۇتۇشىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئۆز كەسپىگە
يۆتكىلىپ كەسىپ ئۆگىنىشكە كىرىشىدۇ. ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە تىزىملاتقانلارنىڭ بىر قىسمى ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە
تەييارلىق مائارىپىنى قوبۇل قىلىدۇ، يەنە بىر قىمسى شىنجاڭدىكى بەلگىلەنگەن مەكتەپلەردە تەييارلىق كۇرس مائارىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئاندىن
ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەرگە ئۆگىنىشكە يۆتكىلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى بەزى تېخنىكوم مەكتەپلىرىمۇ ئاز سانلىق
مىللەتلەرگە قارىتا بۇ خىلدىكى تەييارلىق كۇرس مائارىپىنى يولغا قويغان.