UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىشىنجاڭ يىنىك سانائەت مەكتىپى

شىنجاڭ يىنىك سانائەت مەكتىپى

شىنجاڭ مائارىپى كەسپىي مائارىپ - يىلى قۇرۇلۇپ، 1983 - يىلى 8 - ئايدا قايتا قۇرۇلغان، 1986 - يىلى كۈزدە ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇلۇپ بولغان ھەم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىغان. پۈتۈن راسخودنى دۆلەت ئاجرىتىدىغان ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇن. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكوم. بۇ مەكتەپتە يېمەكلىك (ئېچىتىش)، تېرە (يۇڭ)، قەغەز ياساش، شېكەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق تۆت خىل كەسىپ تەسىس قىلىنغان. 1993 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىسىدا مەكتەپنىڭ كۆلىمى كېڭەيتىلىپ، ئوقۇغۇچى سانى 1280 نەپەرگە يەتكەن. شۇ يىلى 6 - ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق يىنىك سانائەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى شىنجاڭ يېنىك سانائىتى مەكتىپى، شىنجاڭ يىنىك سانائەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى شىنجاڭ يېنىك سانائىتى مەكتىپى، شىنجاڭ يىنىك سانائەت نازارىتى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ يىنىك سانائەت تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى، شىنجاڭ يېنىك سانائەت كادىرلار مەكتىپىنى بىرلەشتۈرۈشنى قارار قىلىپ، تۆت ۋىۋىسكا بىر رەھبەرلىك بەنزىسى شەكىللەنگەن، يەنىلا ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇن بولغان، ئوقۇتۇش خەنزۇ ۋە ئۇيغۇر تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھازىرقى ئىشچى - خىزمەتچى سانى 259 نەپەر. بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇتقۇچى 158 نەپەر. ئالىي ئۇنۋانغا ئىگە ئوقۇتقۇچى 23 نەپەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئىگە ئوقۇتقۇچى 92 نەپەر. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 134215 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 40000 كۋادرات مېتىر، كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان كىتاب 150000 پارچە. يېمەكلىكنى تەكشۈرۈش، خەنزۇ تىلى مائارىپى، كومپيۇتېر ئۇچۇر باشقۇرۇش، كومپيۇتېر تور تېخنىكىسى، ئاپتوماتلاشتۇرۇشنى كونترول قىلىش تېخنىكىسى، شىفىر ئالاقىسى، ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى، سودا ئىنگلىز تىلى، سانائەتنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش، ئېلېكترون تېخنىكىسىنى ئىشلىتىش، مۇھىت ئۆلچەش قاتارلىق كەسىپلەر تەسىس قىلىنغان. 42 سايمانلىرى تولۇق، ئىقتىدارى مۇكەممەل بولغان تەجرىبىخانا، يەتتە ئوقۇغۇچىلار مەشغۇلات بازىسى بار. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان ھەر تۈرلۈك كەسىپ تېخنىك خادىمدىن 10000 دىن كۆپرەكنى، كادىر، ئىشچى - خىزمەتچىدىن 6000 دىن كۆپرەكنى تەربىيىلىگەن. 1996 - يىلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق ئوتتۇرا تېخنىكوم قىلىپ بېكىتىلگەن. 1999 - يىلى مەملىكەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق ئوتتۇرا تېخنىكوم بولۇپ باھالانغان. 1996 -، 1999 - يىلى ئۇدا تۆت يىل ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيەتلىك ئورۇن بولۇپ باھالانغان. 2000 - يىلى 4 - ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن شىنجاڭ يىنىك سانائەت نازارىتى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ - شىنجاڭ يىنىك سانائەت كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى