ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى
شىنجاڭ مائارىپى
ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى
- يىلى شىنجاڭدا پەقەت توققۇز ئوتتۇرا مەكتەپ بار ئىدى. (بۇنىڭ ئىچىدە تۆت تولۇق ئوتتۇرا، بەش
تولۇقسىز ئوتتۇرا) يەنە كېلىپ بەش ئوتتۇرا مەكتەپ، ئۆلكە مەركىزىي دىخۇاغا (ھازىرقى ئۈرۈمچى) مەركەزلىشىپ قالغان. ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى
سانى 2925 نەپەر. بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت 1891 نەپەر. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن سوتسىيالىستىك
زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى پۇختا قەدەمدە تەرەققىي قىلىشقا باشلاپ،
1958 - يىلى ھەرقايسى ناھىيىلەردە ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇش ئاساسى جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 1965 - يىلى پۈتۈن شىنجاڭدا قۇرۇلغان ئوتتۇرا
مەكتەپ 339 غا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە تولۇق ئوتتۇرا 97، تولۇقسىز ئوتتۇرا 242، ئوقۇغۇچى سانى 121770 نەپەر. بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت
ئوقۇغۇچىلىرى 75934 نەپەر بولۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئومۇمىي ئوقۇغۇچى سانىنىڭ 62.36 پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدۇ. <مەدەنىيەت ئىنقىلابى> دىكى
10 يىللىق مالىمانچىلىق ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپىغا ئېغىر بالايىئاپەتلەرنى كەلتۈرگەن. 1979 - يىلدىن كېيىن يەنە سالماق قەدەم
بىلەن ساغلام تەرەققىي قىلىش يولىغا قاراپ ماڭغان. 1985 - يىلى ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپ 2147 كە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە تولۇق ئوتتۇرا 794،
تولۇقسىز ئوتتۇرا 1353. 1987 - يىلى ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى سانى 1046403 بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 270586
نەپەر، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 775717 نەپەرگە يەتكەن. 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون
ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش،
ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرىنىڭ تەرەققىياتىنى كونترول قىلىپ، ئادەتتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قۇرۇشنى كۈچەيتىش فاڭجېنىنى قوللانغان.
مەركەزلەشتۈرۈپ مەكتەپ قۇرۇش، مىللىي، خەنزۇ ئارىلاش مەكتەپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىلاش مەكتەپ قۇرۇش، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ياتاقتا
يېتىش تۈزۈمىدىكى مەكتەپلەرنى قۇرۇش شەكلى ئارقىلىق مەكتەپنىڭ ئورۇنلىشىشىنى تەڭشىگەن، مەكتەپ سانىدا ئازلاش كۆرۈلگەن بولسىمۇ
لېكىن، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى سانى يىلدىن - يىلغا كۆپەيگەن. مائارىپ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى باغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. 1999 - يىلى
رايونىمىزدىكى ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپ 1725 (تولۇق ئوتتۇرا 488، تولۇقسىز ئوتتۇرا 1237)، مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى سانى 1062380 نەپەر (تولۇق ئوتتۇرا
ئوقۇغۇچى سانى 189037نەپەر، تولۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ ئوقۇغۇچى سانى 873343 نەپەر). بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى 691625
نەپەر، تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئوقۇغۇچى سانى 89411 نەپەر، تولۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ 602214 نەپەر بولۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئومۇمىي ئوقۇغۇچى سانىنىڭ 65.1
پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، قىرغىز،
موڭغۇل، شىبە، روستىن ئىبارەت يەتتە خىل تىلدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلغان. 1999 - يىلى ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان
ئوتتۇرا مەكتەپ 873 (تولۇق ئوتتۇرا 231، تولۇقسىز ئوتتۇرا 642) بولۇپ، ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئومۇمىي سانىنىڭ 50.6 پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ.
مىللىي، خەنزۇ ئارىلاش ئوتتۇرا مەكتەپ 101 (تولۇق ئوتتۇرا 24، تولۇقسىز 77)، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ياتاقتا يېتىش تۈزۈمىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ
116 (تولۇق ئوتتۇرا 8، تولۇقسىز 108)، مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى سانى 41386 نەپەر (تولۇق ئوتتۇرىدا 2187 نەپەر، تولۇقسىز ئوتتۇرا 39199 نەپەر). ھۆكۈمەت
مائارىپ تارماقلىرى ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئاز سانلىق مىللەت تىل يېزىقىدىكى ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى قۇرۇلۇشىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت
بەرگەن. 1956 - يىلى شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش تۈزۈلگەن ماتېرىياللارنى ئاساس قىلىپ
ئادەتتىكى دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى نەشىر قىلغان. ئەدەبىيات، خەنزۇ تىلى، ئىدىيە - سىياسىي، مۇزىكا، رەسىم، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، مىللىي
سىياسەت قاتارلىق كونكرېت يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى ئۆزى تۈزۈپ نەشىر قىلغان. نۆۋەتتە، ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئاز
سانلىق مىللەت تىلىدىكى ئوقۇتۇش ماتېرىياللار سىستېمىسى پۈتۈنلەي شەكىللەنگەن. 1966 - يىلدىن بۇرۇن ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ
ئوقۇتۇش تۈزۈمى <3.3> لۈك تۈزۈم (يەنى تولۇقسىز، تولۇق ھەرقايسى ئۈچ يىل) ئىدى. 1978 - يىلى <2.3> لىك تۈزۈم (تولۇقسىز ئۈچ يىل، تولۇق
ئىككى يىل) گە ئۆزگەرتىلگەن. 1983 - يىلى كۈز پەسلىدە قايتىدىن 3.3 لىك تۈزۈم يولغا قويۇلغان. 1981 - يىلى 12 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق
ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىەن، 28 ئوتتۇرا مەكتەپ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دەسلەپكى قەدەمدە ياخشى قۇرۇلغان، نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ
قىلىپ بېكىتىلىپ، كېيىن يەنە ئىككىسى كۆپەيتىلگەن. بۇ 30 ئوتتۇرا مەكتەپ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا دەرس بېرىلىدىغىنى 14،
مىللىي، خەنزۇ ئارىلاش مەكتەپ تۆت، خەنزۇ تىلىدا دەرس بېرىلىدىغىنى 12. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ تەرەققىياتى
ئىنتايىن تېز بولغان. 1949 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچىلار 172 نەپەر. بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرى 94
نەپەر ئىدى. 1999 - يىلىغا كەلگەندە رەسمىي ئوقۇتقۇچى 72195 (تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇتقۇچىسى 61573 نەپەر، تولۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ 56522 نەپەر) گە
كۆپەيگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرى 35927 (تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇتقۇچىسى 7024 نەپەر، تولۇقسىز ئوتتۇرا ئوقۇتقۇچىسى 28903
نەپەر) نەپەر بولغان