UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىقورداق

قورداق

ئۇيغۇر تائاملىرى قوي ياكى كالا گۆشى بىر كىلوگرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، ئەبجەش ياغ 105 گرام، زەنجىۋىل ئازراق، ياڭيۇ 500 گرام، كۆك ياكى قىزىل لازا ئىككى شوخ، سەۋزە ياكى تۇرۇپ 500 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، پەمىدۇر ئىككى تال، جاڭيۇ ئازراق، پىياز بىر باش، يۇمغاقسۈت ئازراق. 1. گۆش سۆڭىكى بىلەن توغرىلىدۇ. كىچىك ياڭيۇ ئىككى پارچە، چوڭلىرى تۆت پارچە سەرەڭگە قېپىدەك قىلىنىدۇ. سەۋزە ياكى تۇرۇب، پىياز، لازا پەمىدۇرلارنى چوڭ - چوڭ، يۇمغاقسۈت ئۇششاق توغرىلىدۇ. 2. قازانغا ياغ قۇيۇپ يەتتە دەرىجە قىزىتىپ، گۆشنى سېلىپ قورۇپ قىزارتىپ، سۇڭپىيازنى سېلىپ سارغايتىپ، ئاندىن جاڭيۇ، پەمىدۇر سېلىپ ئېزىلدۈرۈپ قورۇلىدۇ. كېيىن ياڭيۇ، سەۋزە ياكى تۇرۇپ سېلىپ قورۇپ، ئاندىن خورۇچلار چىلاشقۇدەك سۇ قۇيۇپ، تەمىنى تەڭشەپ، زەنجىۋىل، سوققان كاۋاۋىچىن سېلىپ، پەس ئوتتا 60-50 مىنۇت سىم - سىم قاينىتىپ پىشۇرۇلىدۇ. قاچىلارغا ئېلىشتىن بۇرۇن يۇمغاقسۈت سېلىنىدۇ. شورپىسى بىلەن بىللە چوڭ چىنىلەرگە ئېلىپ، ئۆي نېنى ياكى گىردە نان بىلەن بىللە داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
قورداق | UyghurWiki | UyghurWiki